شى جىنپىڭ ئىراننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پېزېشكيانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
20:17:51 2024-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەسئۇد پېزېشكيانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. چىگىش، مۇرەككەپ رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئىران باشتىن- ئاخىر بىر- بىرىنى قوللاپ، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ ھەم رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ئىران خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو- ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەشنى خالايمەن.     

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125