«مەن تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغان تاجىكىستاننى كۆردۈم»
20:28:15 2024-07-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن شەن، جياڭ يوۋلىن، سۈن يى

 بىر مەيدان تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۇزاققىچە ياڭرىغان ئالقىش ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تاجىكىستان پارلامېنت بىناسىغا كىرگەندە، مەيداندىكى خادىملار ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى. جۇشقۇن، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى خاتىرە تاختىسىغا يېپىلغان قىزىل شايى يوپۇقنى ئېچىپ، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ رەسمىي پۈتكەنلىكىنى ئورتاق جاكارلىدى. نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن دۈشەنبىدە جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

«بولۇپمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بەش يىل ئىلگىرى مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە باشلىغان تاجىكىستان پارلامېنت بىناسى، ھۆكۈمەت بىناسى تۈرى پات ئارىدا پۈتۈپ، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدىكى يېڭى يەر بەلگىسى ۋە جۇڭگو- تاجىكىستان ھەمكارلىقىدىكى يېڭى بەلگە بولۇپ قالىدۇ.» 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، تاجىكىستان تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىمزالىق ماقالىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ شۇنداق يازدى.

 مۇشۇ پەيتتە، بەش يىل ئىلگىرىكى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزدىلا −

 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بېرىدىغان پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسى تۈرى مودېلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. قۇم تاختىدىكى مودېلغا يېپىلغان قىزىل شايى يوپۇق ئاستا- ئاستا ئېچىلغاندا، ئىككى ئىمارەت مودېلى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راخمان مەھكەم قول ئېلىشتى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

 مۇشۇ پەيتتە، بەش يىل ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇر رېئاللىققا ئايلاندى −

 تاجىكىستان پارلامېنت بىناسى، ھۆكۈمەت بىناسى دۈشەنبە شەھىرىدىكى داڭلىق رۇداكى چوڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدۇ.

 پارلامېنت بىناسى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ھۆكۈمەت بىناسى بولسا دۈشەنبىدىكى يەنە بىر قاتناش غول يولى −− سومونى چوڭ يولىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى بىنا ياۋروپا- ئاسىيا كىلاسسىك تۈۋرۈكلۈك كارىدور قۇرۇلمىسى، تاجىك مىللىتىنىڭ خاس ئويمىچىلىقى، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇسلۇبى يۇغۇرۇلۇپ لايىھەلەنگەن، تاشقى كۆرۈنۈشى ھەشەمەتلىك، كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، رۇداكى چوڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قەدىمىي دەرەخ، گۈل- گىياھ، فونتانلار بىلەن قوشۇلۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

 «بۇ يەر بەك گۈزەل ھەم بەك زامانىۋى.» پارلامېنت بىناسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا، 20 ياشلىق شۈكرونانىڭ شوخ ئۇسسۇلى ئۆتكەن- كەچكەنلەر ۋە مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى: «مەن ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق خۇشاللىقىمنى ئىپادىلىمەكچى. مېنىڭ دۆلىتىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، پايتەختتىلا بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن چىرايلىق ئېگىز بىنا سېلىندى».

 بەش يىل ئىلگىرى مۇخبىرلار بۇ يەردە زىيارەت قىلغان چاغدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېگىز بىنالار كۆپەيگەن، شۇ جايدىكى ئامما بارىدىغان سودا ساراي، دۇكان ۋە قەھۋەخانىلار كۆپەيگەنىدى؛ كېچىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈۋالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رەڭلىك چىراغ ۋە لېنتىلار ئېسىلغان باغچىدا سالقىنداۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى؛ كوچىلار كېڭەيگەن بولۇپ، تۈپتۈز يول ۋە يېڭىدىن ياسالغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەردە ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

 «كوچىدىكى توكلۇق تاكسىلارغا قاراڭ، ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگودا ياسالغان.» ساقچى ئەمەلدارى ئىسمېرزودا رۇداكى چوڭ يولىدا كۆپ يىل ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، تاجىكىستان- جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى ھەربىر «يەر بەلگىسى»گە گۇۋاھ بولدى، «پارلامېنت بىناسى، ھۆكۈمەت بىناسىدىن باشقا، يەنە دۆلەت كۇتۇپخانىسى ھەم مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك مۇنارى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاجىكىستان- جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى».

 ئېگىزلىكى 120 مېتىردىن ئاشىدىغان مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك مۇنارىغا چىققاندا، دۈشەنبە شەھىرى ۋە گىسسار ئويمانلىقىنىڭ مەنزىرىسىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ۋارزوب دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قىرغاقتىكى دۈشەنبە 2- نومۇرلۇق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. 2014- يىلى رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى، 2- قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى. ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2016- يىلى پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، دۈشەنبىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئاھالە قىشتا توك كەمچىل بولىدىغان كۈنلەر بىلەن خوشلاشتى.

 «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تاجىكىستاننىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشتى، شۇنداقلا ھەر ساھە خەلق ئاممىسىغا ئىككى دۆلەت دوستلۇقى، ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن بەخت- سائادەتنى ھېس قىلدۇردى.» رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە شۇنداق كۆرسەتتى.

 «بىز دائىم تېلېۋىزوردىن جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشقان تۈرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز» 50 نەچچە ياشلىق شوپۇر ئۈمىد چوڭ مۇنداق دېدى: ياش ۋاقتىمدا خىمىيە سانائىتى كەسپىنى ئۆگەنگەن، كېيىن دۆلەتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا ۋە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندىم، ئۆگەنگەنلىرىمنى ئىشلىتەلمىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىزنىڭ تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان كەسىپ بەرپا قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. مەن تاجىكىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولۇشىنى، ياشلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ پۇرسەتكە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن».

 جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان تاجىكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى ۋە ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئۆتكەن 10 يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تاجىكىستاندىكى نۇرغۇن ساھەدە جۇڭگو سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە سانائەت باغچە رايونى ۋە كارخانا قۇرۇپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئادەم كۈچىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.

 «تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ خەلق ئاممىسىغا بەخت ياراتتى.» تاجىكىستان زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭنىڭ ئەمەلدارى ئەھمەتبېك زودا تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، «ياۋەن −- ۋاخدات تۆمۈريولى تونېلى، دۈشەنبە −- چاناق تاشيولى، ياۋەن سېمونت زاۋۇتى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە ۋە كەسىپلەر باغچە رايونى تۈرلىرى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى».

 «ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ دۆلىتىڭلارغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، مەن تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغان تاجىكىستاننى كۆردۈم.» رەئىس شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

 زۇڭتۇڭ راخمان مۇنداق بىلدۈردى: تاجىكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.

 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى ھەم ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە نەچچە ئون تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

 تاجىكىستاننىڭ پارلامېنت ئەزاسى پەرۋىنە بىرلەشمە باياناتتىكى بىر بۆلەك سۆزگە دىققەت قىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى».

 «بىز جۇڭگو بىلەن قېرىنداش ۋە قوشنا، بىز بىر- بىرىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى سەمىمىي قوللايمىز.» پەرۋىنە مۇنداق بىلدۈردى: «مەن ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

 (قاتناشقان مۇخبىرلار: ليۇ كەي، خەن لياڭ، جېڭ كەيجۈن، جوۋ تيەنخې، ۋۇ ياۋ، شى شياۋمېڭ، گېڭ پېڭيۈ)

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۈشەنبە، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125