شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىندى
00:30:38 2024-07-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە» ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى تارىم دەرياسى جەنۇبىي قىرغىقى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش رايونىنىڭ مەنزىرىسى (7- ئاينىڭ 3- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى) ئېلان قىلىنغان، 2024- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ نۇقتىلىق رايونىدىكى 21 ناھىيە، شەھەردە 35 مىليون 144 مىڭ 900 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش تاماملىنىپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە 6- قاراردىكى يىرىك پىلان ۋەزىپىسى 14 مىليون 619 مىڭ مو يەر ئاساسىدا، يېڭىدىن 20 مىليون 525 مىڭ 900 مو يەر كۆپەيتىلىپ، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلان ۋەزىپىسى %140.41 ئاشۇرۇلىدىكەن.

 تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە گىرۋەكنى قاشالاش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، بوستانلىق ئەتراپىدىكى قۇم- بوران خەۋپى رايونى، مۇھىم ئەسلىھەلەرنى لىنىيە بويلاپ قوغداش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە» ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 «بىر چەمبەر»: قۇملۇق گىرۋىكىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ھالدا ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، بوش رايون، بوستانلىق ئەتراپىدىكى قۇم- بوران خەۋپى رايونىدا يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، جانلىقلار ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەپ قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاش يولغا قويۇلۇپ، 100 مىليون كىلوۋات يورۇقلۇق ۋولت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قۇملۇق گىرۋىكىنى چۆرىدەپ كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 800 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم توسۇش «يورۇقلۇق ۋولت سەددىچىن سېپىلى» شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

 «ئىككى رايون»: شامال چىقىش ئېغىزى بىلەن شامال ئۇرۇلۇش ئېغىزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئون ناھىيە رايونىدىكى قۇم- بوران خەۋپى رايونىدا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىش، مېۋىلىك كۆچەتلەرنى ئۆستۈرۈش، چۆل- باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ قۇملۇقتىكى 15 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى (ئورنى)دا، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ئۆستۈرۈلىدۇ.

 «ئۈچ لىنىيە»: تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى، جەنۇب- شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول لىنىيەسى (لوپنۇر − چەرچەن، بۈگۈر − نىيە، ئارال − خوتەن، تۇمشۇق − كۇنيۈدىن ئىبارەت تۆت تاشيول)، دەريا قىرغىقى لىنىيەسى (تارىم دەرياسى غول ئېقىنى، يەكەن دەرياسى، چەرچەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى، كېرىيە دەرياسىدىن ئىبارەت بەش دەريا)، كاتەكچىلەپ ئوت- چۆپ تېرىش، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوت- چۆپ تېرىش- سۇغىرىش، چېكىنگەن ئورمان، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىش، ئايروپىلان ئارقىلىق زىيانداش ھاشارات يوقىتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، كەڭلىكى 0.15 كىلومېتىردىن 22 كىلومېتىرغىچە بولغان، ئۇزۇنلۇقى 7710 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە توسۇش- ئايرىش بەلبېغى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، جانلىقلار ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، خاس قۇملۇق كەسپىنى چۆرىدەپ، 12 ئۈلگە تۈرنى پىلانلاپ يولغا قويىدۇ.

 يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە تۈرىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بازىسىدىن ئىككىسى نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىدۇ؛ جانلىقلار ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە تۈرىدە نۇقتىلىق ھالدا مارالبېشى ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسىدە مىليون مولۇق جانلىقلار ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە تۈرىدىن تۆتى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك (گۇما ناھىيەسى بىلەن كۇنيۈ شەھىرى) بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئۈلگە تۈرىدىن بىرى بەرپا قىلىنىدۇ؛ خاس قۇملۇق كەسپى ئۈلگە تۈرىدە نۇقتىلىق ھالدا شايار ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسىدە مىليون مولۇق خاس قۇملۇق كەسپى ئۈلگە تۈرىدىن تۆتى ھەمدە خوتەن ناھىيەسىدە چۆل- باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە تۈرىدىن بىرى بەرپا قىلىنىدۇ.

 «لايىھە»گە ئاساسەن، بۇ يىل شىنجاڭ 4 مىليون 909 مىڭ 800 مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملاشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125