شىنجاڭدىن بەش نەپەر تەنھەرىكەتچى 2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش بېلىتىنى ئالدى
16:30:49 2024-07-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدىن جەمئىي بەش نەپەر تەنھەرىكەتچى 2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش بېلىتىنى ئالغان بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

 بۇ بەش تەنھەرىكەتچى: بوكس 80 كىلوگىراملىقلار ماھىرى توختاربېك تاڭاتقان؛ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى ماھىرى شيا شىنيى؛ ئاياللار ئوقيا ئېتىش تەتۈر ئەگمەچ ئوقيا ماھىرى ئەن چىشۈەن؛ ئەرلەر ئەركىن چېلىشىش 97 كىلوگراملىقلار ماھىرى كابيران ئەبۇشايمان؛ ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى ۋۇ تۇڭتۇڭ (ئايال).

图片

图片

图片

图片

图片

图片

 بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى توختاربېك تاڭاتقان بىلەن شيا شىنيى ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئىككىيلەننىڭ ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى، ھەر ئىككىيلەن 2023- خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆز تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش بېلىتىنى بىۋاسىتە ئالدى.

图片

 ئەن چىشۈەن بىلەن كابيران ئەبۇشايمان تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئەن چىشۈەن شىنجاڭدىن ئاياللار ئوقيا ئېتىش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە  قاتنىشىدىغان تۇنجى ماھىر، كابيران ئەبۇشايمان شىنجاڭدىن ئەرلەر ئەركىن چېلىشىش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تۇنجى ماھىر ھېسابلىنىدۇ.

图片

图片

 ۋۇ تۇڭتۇڭ شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى، ئۇ 1994- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى، ئارقا مۇداپىئەچى، تېخى بۇ يىل يازلىق مەشىق مەزگىلىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلغان.

图片

ۋۇ تۇڭتۇڭ (سولدا) مۇسابىقىدە توپ ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لېي فوتوسى

 ئىگىلىنىشىچە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى باشلىنىدىكەن، نۆۋەتتە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئارقا- ئارقىدىن بۇ قېتىمقى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇراسىم كىيىمى ۋە مۇكاپات تارقىتىش كىيىمىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپتۇ.

图片

شىنجاڭ بوكس تەنھەرىكەتچىسى توختاربېك تاڭاتقان 2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇراسىم كىيىمىنى كىيدى. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

 توختاربېك تاڭاتقان يەنە شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا 2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇراسىم كىيىمىنى كىيگەن كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەن تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇراسىم كىيىمى كىيگەن ھالىتىڭىز بەك كېلىشكەن ئىكەن! توختاربېك تاڭاتقان تورداشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ھەسسىلەپ تىرىشىپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرىمەن!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125