ئانار سۈرەتلىرى . گۈزەل شىنجاڭ | بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ، باشاقلارنىڭ خۇش ھىدى تارالدى
18:47:06 2024-07-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يەنە بىر يىللىق ھوسۇل يىغىش مەزگىلى كەلدى

تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ، باشاقلارنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

بىر قاتار ھوسۇل ئېلىۋاتقان قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى

كۈنەس ناھىيەسى زەكتى بازىرى زەكتى كەنتىدىكى بۇغدايلىقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە چۆمدى (6- ئاينىڭ 24- كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ھازىر كۈنەس ناھىيەسىدىكى 150 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزگى بۇغداي ئارقا- ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئورۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، كومبايىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3- شى 49- تۇەن 3- ليەنىدىكى بۇغدايلىقتا بۇغداي ئورىماقتا. 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەڭ رايونلاردا بۇغدايلار ئارقا- ئارقىدىن پىشتى، كىشىلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغدايلارنى تېز يىغىپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3- شى 45- تۇەن 12- ليەنىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى بۇغدايلىقتا يەر ئاغدۇرغاچ تېرىق تېرىماقتا. 6- ئاينىڭ ئاخىرلىرى دەل «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»نىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، كىشىلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېز يىغىپ، تېز تېرىپ، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندۈردى. ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 4- كۈنى، دېھقانچىلىق ماشىنىسى شىخو شەھىرىنىڭ شىداگۇ بازىرىدىكى ئېتىزدا بۇغداي ئورىماقتا. 7- ئاي كىرىشى بىلەن شىخو شەھىرىدىكى 105 مىڭ 200 مو يەردىكى بۇغداي ئارقا- ئارقىدىن پىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شەھەر مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى + بازا» ئەندىزىسى ئارقىلىق بۇغداي كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. لى رېنشى فوتوسى

7- ئاينىڭ 4- كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدىكى بىر بۇغدايلىقتا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بۇغداي يىغماقتا. ھازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر ئارقا- ئارقىدىن بۇغداي ھوسۇلىنى يىغىش مەزگىلىگە كىردى، جايلاردىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىمنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا. جاڭ چىڭخۇا فوتوسى

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى ئاۋىيتان كەنتىدە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرى كومبايىننى ھەيدەپ بۇغدايلىقتا بۇغداي ئورىماقتا. بۇ ناھىيەدە تېرىلغان 115 مىڭ مو بۇغداينى ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئورۇش باشلاندى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرىنىڭ دۇڭئەرچى كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا كومبايىن كۈزگى بۇغداي ئورىماقتا، بۇ ناھىيەدىكى 182 مىڭ 700 مو يەردىكى كۈزگى بۇغداي ئارقا- ئارقىدىن ئورۇلۇشقا باشلىدى. بۇ يىل جىمىسار ناھىيەسىنىڭ تۈزلەڭلىكتىكى يېزا- بازارلىرىدا يازلىق يىغىم خىزمىتى 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشى، تاغلىق يېزا- بازارلىرىدا 8- ئاينىڭ بېشىدا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشى مۆلچەرلەندى. خې لۇڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرى غاپپار كەنتىدىكى بۇغداي تېرىش بازىسىدا، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي ئېتىزلىرىنىڭ «مول ھوسۇل» مەنزىرىسى رەسىمدەك گۈزەل ئىدى. خۇا يەنمىڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 1- كۈنى، سانجى شەھىرى يۈشۇگۇ بازىرى سىچى كەنتىنىڭ كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىقىدا چوڭ تىپتىكى كومبايىن يىغىۋېلىنغان بۇغدايلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا. بۇ يىل سانجى شەھىرى 40 مىڭ توننا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. ليۇ خۇا فوتوسى

پىلانلىغۇچى: سۇڭ جۈن

باش مۇھەررىر: يۈ لېي

مۇھەررىر: شى جىشېن

ئىشلىگەن ئورۇن: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى سۈرەتلىك خەۋەرلەر بۆلۈمى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125