شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ​پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولدى
09:45:03 2024-07-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ 

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

 پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولدى.

 يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم ئىدارىگە قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۇنىڭغا قايتا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىدى.

 «بىز ئىنتىزامنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى دەل جايىدا بىلىپ، ئىنتىزامنى چوڭقۇر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تاشقى تەلەپنى ئىچكى ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆگەنگەندىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئۆگەنگەننى ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى قوللىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى داۋامىدا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى چوڭ ئەترىتى گېئولوگىيەلىك چارلاش 1- ئورنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چاۋ.

 كورلا شەھىرىدە، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىشنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»دىن «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»غا كېڭەيتىش، ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى بىلىپ، پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇشقا، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

 قەشقەر ۋىلايىتىدە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى چېگرا قوغدىغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمەت خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، چېگرا بىرىنچى سېپىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىسىدىن 78نى بېكىتىپ، «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى يېتەكلەپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ھەم مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى؛ يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت مەكتىپى) مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، دەرستىن بۇرۇن يېتەكلەپ ئۆگىنىش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى 743 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى.

 تولى ناھىيەسى ئالتە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىنتىزام- قانۇن تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، دەرستە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، مەركەزلىك دەرس ئۆتۈش، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزام ئېڭى ۋە قائىدە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەينەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللىدى. «بىز ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىپ، داۋاملىق تۈردە <قىلىش> جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولىمىز» دېدى نازارەت ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تۇرغۇن نۇر.

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كونسۇلتاتسىيە سىن فىلىمى كۆرۈش، مەركەزلىك ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. «بىز ئىنتىزامنى ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى بىلىپ، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئەسلىي مەقسىتىمىز، قەتئىي ئىرادىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز» دېدى ئاكادېمىيە تەشكىلات- كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى خۇاڭ رۇن.

 قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ بەنزە ئەزالىرى ئۆزىگە تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، تونۇشىنى سۆزلەپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام- قائىدىنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇردى.

 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر) ئىككى دەرىجىلىك قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىنىڭ بەنزە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چۆكۈپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى مۇرەسسە ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125