ئاپتونوم رايون بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
10:26:37 2024-07-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شۇخەن) 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھازىرقى خەۋپ- خەتەر ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەننىڭ يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۇەنجوۋيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بىرىنچى سەپ توسمىسىدا يار ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر شىنجاڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىگە چىڭ قادىلىپ، ساياھەت، يول قاتنىشى، ئوت مۇداپىئەسى، كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۆپ ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خەتەرلىك ئەھۋال، ئاپەت ئەھۋالىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يېقىنقى مەزگىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي ئاپەت ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ھەم ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ھەم بىرقىسىم ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلار، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قارىتا سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125