7- ئاينىڭ 4- كۈنى، «يىباۋ 2024 جۇڭگونى ئايلىنىش ئارزۇسى سەپىرى» مېھىر- شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىغا يېتىپ كەلدى، بۇ ئاپتوموبىل ئەترىتى شېنجېندىن كەلگەن بولۇپ، قەشقەر ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگونى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىشىدىكى مۇھىم بېكىتى.
بەشكېرەم يېزىسىدا، ئەترەت ئەزالىرى «مېنىڭ قەشقەردە بىر تۈپ ئانار دەرىخىم بار» ناملىق ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇلار بىرلىكتە 10 تۈپ ئانار كۆچىتى تىكتى ھەمدە «يىباۋ جۇڭگونى ئايلىنىش ئارزۇسى سەپىرى مېھىر- شەپقەت ئاپتوموبىل ئەترىتى» دېگەن كارتوچكىنى ئاستى.
بۇ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى يەنە يىباۋ شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈتۈنۈش مەركىزى ۋە پاختەكلە يېزىسىدىكى ياشانغانلار، بالىلار ئارىسىدىكى ئاجىزلار توپىغا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىى بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ئۇلارغا شېنجېننىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.
«مېنىڭ قەشقەردە بىر تۈپ ئانار دەرىخىم بار» − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى بولۇپ، توردا ئانار دەرىخىنى تونۇش، تور سىرتىدا ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ساياھەتچىلەرنى قەشقەرگە جەلپ قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قەشقەردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.