قەشقەردە يەنە بىر مەدەنىيەت- ساياھەت يەر بەلگىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى
09:58:42 2024-07-10 قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، جۇڭگو قەشقەر يىپەك يولى يەر شارى مەركىزى | قەشقەر ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى (ئىلگىرىكى يېڭىبازار) قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى. 

图片

 جۇڭگو قەشقەر يىپەك يولى يەر شارى مەركىزى | قەشقەر ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى (ئىلگىرىكى يېڭىبازار) تۈرىگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 96 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئويۇن قويۇش، مال سېتىۋېلىش، تۇرالغۇ، يېمەك- ئىچمەك، ئىستىراھەت، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، سودا، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ ئىقتىدار بىر گەۋدە قىلىنغان شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سودا بازىرى ئالتۇن سودا بازىرى، يىپەك سودا بازىرى، كىيىم- كېچەك سودا بازىرى، گىلەم سودا بازىرى ۋە ئۇششاق تاۋارلار سودا بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مال سېتىۋالغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنى بىر بېكەتلىك سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

图片

 جۇڭگو قەشقەر يىپەك يولى يەر شارى مەركىزى | قەشقەر ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى تۈرىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى ئابدۇسالام ئابدۇقەييۇم مۇنداق دېدى: «بۇ تۈر يېڭىبازارنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا قايتا قۇرۇلىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن ئۇ قەشقەردىكى يەنە بىر مەدەنىيەت- ساياھەت يەر بەلگىسى قۇرۇلۇشى، قەشقەر شەھەر مېھمانخانىسىغا ئايلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ سودا يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىقتىساد كارىدورىدىكى مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.»

 قەشقەر شىخۇڭ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شيۇ خاۋ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلغار تېخنىكا ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن، ھەر بىر خىش- كاھىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان،  ئاقىل بىناكارلىق ئۈلگىسى بەرپا قىلىمىز».

 بۇ تۈرنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشى قەشقەر شەھىرىنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

 (قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ يۆجياۋ، ۋاڭ رۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125