كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «ئۆرۈك» ئېلىپ كەلگەن بەخت يولىنى ئېچىش
ـــ يېڭىسار ئۆرۈكىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي كىرىشىپ كەتتى
يېڭىسار ناھىيەسى بويىچە 178 مىڭ مو يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن پىشىشىغا ئەگىشىپ، يوۋلېگو، شېنليەن، دېيۈەن قاتارلىق چوڭ كارخانىلار جىددىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، يېڭىسار ئۆرۈكىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ يوۋلېگو مېۋىچىلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا يېڭى ئۆرۈكلەرنى يۇيۇپ، يېرىپ، تاللاپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تەخسىلەرگە تىزىپ، قۇرۇتۇش ئۆيىگە سېلىپ قۇرۇتۇۋاتقان بولۇپ، مېۋە شېكىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئۆرۈك قېقى، ئۆرۈك مۇرابباسى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرى سېختىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى.