شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
22:02:50 2024-07-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. يېقىندا، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرى شۇ كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ يېشىل تەرەققىي قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولايلى» بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق كومىتېتى، ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125