شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى كاپۇغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
22:10:45 2024-07-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داۋىد تىۋا كاپۇغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت- سائادەت ياراتتى. مەن جۇڭگو- سولومون تاقىم ئاراللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125