12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى شىنجاڭ موڭغۇلكۈرەدە باشلاندى
22:27:51 2024-07-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

پەن يۆ، ليۇ شياۋمىڭ، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى

7- ئاينىڭ 8- كۈنى، 21- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت- مەدەنىيەت باغچىسىدا باشلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 7- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت- مەدەنىيەت باغچىسىدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 يەتتىنچى ئايدىكى موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى. كۆك ئاسمان سۈپسۈزۈك، قارلىق تاغلار ھەيۋەتلىك ئىدى. قاراكەنت يايلىقىدا ئارغىماقلار چېپىشىپ، قۇشلار پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.

 ھەيۋەتلىك «قىزىل بايراققا مەدھىيە» ناملىق مۇزىكىغا جور بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى تەنتەنىلىك مەيدانغا كىردى. ئارقىدىن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى، مۇسابىقە گېربى بايرىقى مەيدانغا كىردى.

 شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 12 ۋەكىللەر كوماندىسى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىردى.

 پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ئېيتتى، دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدى. مۇسابىقە بايرىقى، مۇسابىقە گېربى بايرىقى چىقىرىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاكالىتەن، پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار، دوستلار ۋە بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپىرلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى بىلەن مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. شىنجاڭنىڭ ئات ئۈستى مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەۋزەللىكى روشەن، بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مىللەتلەر سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان، مىللەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى باشلايمىز ۋە ئۇنىڭغا تۆھپە قوشىمىز. تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتەك دەۋر باش تېمىسىنى ئورتاق ئىزاھلاشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پەن يۆ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سۇپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يېتەكچى قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئاكتىپ قاتنىشىدىغان مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئات جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭخۇادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ھازىرغىچە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلىق مەدەنىيىتىنى ئورتاق بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى بىر مەيدان ئېسىل، ئۆزگىچە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كاتتا مەرىكىسى، ئاممىۋى تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

 خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ليۇ شياۋمىڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مىللەتلەر تەنتەربىيە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان جاي خەينەن، شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئات ئۈستى تۈرى شۆبە مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىندى، نەچچە يىلدىن بۇيان، خەينەن بىلەن شىنجاڭ قول تۇتۇشۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى. بۇ قېتىمقى ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىمفونىيەسىنىڭ باش مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. كەڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھى، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق مېھىر- مۇھەببەت تارقىتىپ، ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە بىر مەيدان مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن مىللەتلەر تەنتەربىيەسى يۇغۇرۇلغان كاتتا مەرىكىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، بەيگىگە چۈشكەن تۇلپاردەك تېز ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار ۋە دوستلارنى خەينەن سەنيادا جەم بولۇپ، خەينەندىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كاتتا مەرىكىسى، ئاممىۋى تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن.

 دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ گويۇڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم سۇپا، ئۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەم ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدان- ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىدا تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ياش- ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

 سۆز قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە رېپىرلار ۋەكىللىرى قەسەم بەردى.

 مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاندى، بۇ، بەخت ناخشىسى، يىپەك يولى ناخشىسى، ئارزۇغا ئىنتىلىش ناخشىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي يۆگىمە رەسىمىنى قايتا نامايان قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دەۋر قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

 مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ياڭراق «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 مۇقىيات جارمۇقامەت رىياسەتچىلىك قىلدى.

 دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيپىڭ ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، خەينەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتناشتى.

 ئېلزات ئەخمەتجان، شۆ بىن، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتناشتى.

 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11- ئايدا خەينەن سەنيادا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى شىنجاڭ موڭغۇلكۈرەدە ئۆتكۈزۈلدى، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. مۇسابىقە− مۇسابىقە تۈرى ۋە ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، مۇسابىقە تۈرى مىللەتلەر ئات بەيگىسى، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇپ خادا يىغىش، شەخسلەرنىڭ ئىككى تۈر بويىچە ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى ماھارەت تۈرى، تېخنىكا ماھارەت تۈرى، ئۇنىۋېرسال تۈردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125