يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش
10:24:00 2024-07-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

[ئىستون سۆزى]

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش» ناملىق ئىستوننى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تىپىك تەجرىبىلىرىگە قايتا نەزەر سېلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى سىجىل تېزلىتىلىپ، يەرشارىۋى ئوچۇق ھەمكارلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى؛ «تۆت ئۆلچەم بويىچە سۇنى ئىدارە قىلىش» سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەشكە تۈرتكە بولدى؛ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش چىڭ تۇتۇلۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلدى...

مۇشۇ يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەسلىسەك، بۇنى نۇرغۇن كىشى بەش قولدەك بىلىدۇ.

ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ- چوڭ تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

«ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ياخشى پايدىلىنىش

شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

2013- يىلى، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسى چېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى بازار سىستېمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ «ھالقىلىق تۇتقا»سى مەھكەم تۇتۇلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي زىددىيەت تۇتۇلدى.

ئىدىيە يېتەكچىلىكىدە ھەمىشە مۇھىم ھالقا چىڭ تۇتۇلدى؛ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمىشە ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىش قىلىندى.

يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مەسئۇلىيەت چىڭىتىلدى − ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشتىن- ئاخىر ئىسلاھاتنى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ زىممىسىگە مەھكەم ئېلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىسلاھاتقا دائىر دوكلاتلارنى مەخسۇس ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتتى.

دىققەت مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىشتى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانلىنىپ پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى− ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا دائىر يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنى بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

...

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى.

2023- يىلى، شىنجاڭنىڭ GDP، سېلىنما، ئىستېمال، ئىمپورت- ئېكسپورت، مالىيە، ئاھالىلەر كىرىمىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا سۈپەت، ئۈنۈم ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق

تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ بىر قاتار «ئىسلاھات چوڭ تەدبىرلىرى» كەڭ دىققەت قوزغىدى −

6- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، 2024- يىللىق شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كانچىلىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار رايون بۆلىكى سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق يىغىن.

6- ئاينىڭ باشلىرى، شىنجاڭ «شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى توردا ئىش بېجىرىش زالى»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، «شىنجاڭ كارخانا ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش زالى» تورغا چىقىرىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نەتىجە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك كۈچ قوشۇپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتە يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

5- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان فۇتەن 1- قۇدۇقىنى بۇرغىلاش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش- ئېچىش(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ قۇرغان شىنجاڭ تارىم نېفىت- تەبىئىي گاز بىرلەشمە چارلاش شىركىتىنىڭ رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ، شىنجاڭدىكى يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى بىلەن نېفىت- تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ھەمكارلىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يەنە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۈزۈم كاپالىتى ۋە كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىمەكتە.

46 يىللىق قاينام- تاشقىنلىق ئىسلاھات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سالغاندا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا باشتىن- ئاخىر ۋەزنىلىك ئىسلاھات گېنىغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى، روشەن ئىسلاھات ئاساسى رېڭى بىلەن تويۇنغانلىقى، قۇدرەتلىك ئىسلاھات كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

1978- يىلى، ئەنخۇينىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئۇچقۇنىنى تۇتاشتۇرغاندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىمۇ بىر ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى باشلىغان: يەرنى «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى + مەسئۇلىيەت ئېتىزى» شەكلىدە شەخسلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. كېيىنكى يىلى كۈزدە، مول ھوسۇل شادلىقى ئاچچىق يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قېتىپ كەتكەن شورلۇق يەرنى ئېچىپ، ئىسلاھات ئۇرۇقىنى چوڭقۇر كۆمگەن.

1980- يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭگو- چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا − تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان.

2012- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ خۇڭشەن نېفىتلىكىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شۇ يىلىلا سېتىش كىرىمىنى 1 مىليارد 714 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يۇقىرىغا تاپشۇرغان يەرلىك بېجى 195 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىگە ئايلانغان.

...

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى زىچ يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا دائىر يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

كۆز ئالدىدا گۈلزارلىقنىڭ بولۇشى يېڭى ھەسەلگە ئېرىشكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان تۈزۈم مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي تۈردە «دۆلەتنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى»نى زىممىسىگە مەھكەم ئېلىپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى.

− دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقىرىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇقتىلىق كەسىپلەر توپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەسىپ زەنجىرى، كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويدى.

− تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە سىياسەت- تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزۈملەشكەن، دائىملاشقان ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر ئالاقە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى.

− ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت- تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئىككى تۈركۈمدە جەمئىي 100 مىليارد يۈەنلىك خەلق ئىچى كاپىتالىنى تونۇشتۇرۇش نۇقتىلىق تۈرىنى ئېلان قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

...

قەيەردە بوغما ھالەت چەكلىمىسى بولسا، شۇ يەر ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى بولىدۇ.

دادىللىق بىلەن چوڭقۇر سۇ رايونىغا يۈرۈش قىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، دادىللىق بىلەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگەتتى، تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرى شىنجاڭدا توپلىنىپ، سانسىز ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئارزۇسى تەدرىجىي ئىشقا ئېشىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ «ھەممە يەرنى قاپلاش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 515 مىڭ 100 (بىڭتۇەندىكى 273 مىڭ تىجارەت سۇبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.67 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 2255 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.81 ئاشتى.

ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ تەڭ كۈچەش

ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

ئەمدىلا ئاياغلاشقان 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن كۈچلۈك سىگنالنى تارقاتتى.

بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭنى كۆزەتسەك، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق چوڭ- چوڭ ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى سىجىل ئاشتى؛ ياۋروپا- ئاسىيانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بارغانسېرى «جانلاندى»؛ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىكى تەيپىڭياڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى، شەنشى قۇرۇلۇش پاي تىزگىنلەش گۇرۇھى، جۇڭگو ديەنجيەن گۇرۇھى، گۇاڭجوۋ تېببىي دورىگەرلىك گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ماكانلاشتى...

دۇنياغا نەزەر سالساق، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى 2006- يىلى تاجىكىستانغا كىرگەندىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىگە دائىر 12 تۈرنى قۇرۇپ چىقىپ، قاتار- قاتار تۆمۈر مۇنار، ھەربىر لىنىيە ئارقىلىق تاجىكىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى؛ جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 2008- يىلى تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئېكسپورت قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئالتە قىتئەدىكى 40 دۆلەتنى شامال ئېلېكتىر كەسپى بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، جەمئىي ئېكسپورت قىلغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى جۇڭگو شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىدا %50كە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىدى؛ شىنجاڭ خۇالىڭ سودا- سانائەت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى گىرۇزىيەدە ئەركىن سانائەت باغچە رايونى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇپ، شۇ جايدىكى باسېس بانكىسىنى تولۇق مەبلەغ بىلەن سېتىۋېلىپ، بۇ دۆلەتتىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان ئاساسلىق كارخانىغا ئايلاندى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى شىنجاڭنىڭ «يەرشارىۋى سېتىۋېلىش، يەرشارىۋى سېتىش» قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى...

مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشتىن كاپىتالنى مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىشقىچە، مەملىكەت سىرتىدا زاۋۇت قۇرۇشتىن سانائەت باغچە رايونى قۇرۇشقىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشنى ماس قەدەمدە تېزلەتتى، شىنجاڭ ئىقتىسادى يەرشارىۋى ئىقتىسادقا يۇغۇرۇلدى.

بولۇپمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېڭىدىن 5068 كارخانا كۆپىيىپ، كارخانا ئومۇمىي سانى 25 مىڭغا يەتتى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 42 بولۇپ، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سالغان كارخانىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيدى.

ۋاقىت تۇراقلىق مىقدار، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىرىشچان مىقدار.

دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە قويۇلغان تەلەپمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقىرىلىدى.

شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك.

«بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپە تىزىملىكىنى بېسىپ تارقاتتى، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈردى...

ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە جايلاشقان، شۇڭا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، دۆلەت ئىچىگە ئېچىۋېتىش ۋە تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسىگە، ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىگە، ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكىگە، ئەڭ كۈچلۈك مېلودىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125