رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
10:37:57 2024-07-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش بولۇش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى نى سىيى، خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن، خەن لياڭ

  ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تاغ- دەريالىرى بىلەن تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن قوشنا.

2000 نەچچە يىل بۇرۇنقى خەن سۇلالىسى ئەلچىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا قىلغان «يول ئېچىش» سەپىرى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دوستانە ئالاقىسىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى ئاچتى. 2013- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېپيېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىرىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ مول، رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.

2024- يىلى يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بۇ جاي جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت يېقىن قوشنىلارنىڭ قويۇق ھەمتۈرتكە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى دەۋردىكى يىپەك يولى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش تارىخىي پەيتىگە گۇۋاھ بولدى −

7- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەكلىپ بىلەن قازاقىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

«ئوتلاق دۆلىتى»دىن «ئېگىز تاغ دۆلىتى»گىچە، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان ئېسىل دەرياسى ساھىلىدىن ئوتتەك قىزىپ تۇرغان گىسىسار جىلغىسىغىچە، ھەممىلا جايدا دوستلۇق قىزغىن دولقۇنى مەۋج ئۇردى، ھەمكارلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇردى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قول تۇتۇشۇپ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ئۈمىدى تېخىمۇ ئاشتى.

( 1 )

2022- يىلى 9- ئايدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا ئوتتۇرا ئاسىيانى تاللىدى؛ 2023- يىلى 5- ئايدا، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى بولدى. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ئىككى يىل ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان 3- قېتىملىق مۇھىم دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيە ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قوش يۆنىلىشتە ئاتلاندى، چۈنكى ئۆزئارا قوشنا، يېقىن بولغان جۇغراپىيەلىك ۋاسىتە، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىدىغان مەنپەئەت رىشتىسى، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان ئادىمىيەت رىشتىسىگە ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىككى تەرەپ قوشنا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى دەل جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندىن بۇيان 5- قېتىم قازاقىستان زېمىنىغا قەدەم قويۇشى، 3- قېتىم تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى. خۇددى تۇغقان يوقلىغانغا ئوخشاش، بارغانسېرى يېقىن بولدى، بارغانسېرى ئىناق بولدى.

ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقتىن مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىققا يۈكسەلدى ھەم ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، بىر- بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان جۇڭگو- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى شەكىللەندۈردى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى، بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشىدا، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى «سۈرئەتنى تېزلىتىپ» ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈلۈپ، جۇڭگو- تاجىكىستان خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتىن، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راخماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى ئۇدا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دوستلۇق دەۋرنىڭ يېڭى خۇش پۇراق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

تۈرلۈك ئەڭ ئالىي ئىززەت- ھۆرمەت، ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلار چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئىشەنچنى ئىپادىلىدى.

سۈرەتتە: 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قازاقىستان پايتەختى ئاستانىنىڭ شەھەر مەنزىرىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنخۇا فوتوسى

− پايتەخت ئاستانىنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدا ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانى رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلاننى قوغداپ ئۇچتى؛ كۆك رەڭلىك پايانداز ئايروپىلان شوتىسى ئېغىزىدىن ئەزىز مېھمانلار بىناسىغىچە سېلىنغانىدى. قازاقىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە كۆك رەڭ ئەبەدىيلىك ۋە ئىناقلىققا سىمۋول قىلىنغان، شۇنداقلا دوستلۇق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى يەتكۈزىدۇ.

«بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىغا تولىمۇ تەقەززا بولغانىدۇق» «سىزنىڭ زىيارەتتە بولۇشىڭىز قازاقىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى زور ئىش»... زۇڭتۇڭ توقايېف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپ بىلەن زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى قايتا- قايتا بىلدۈردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش كۈنتەرتىپى ئالدىراش بولسىمۇ، ئالايىتەن ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ قىياپىتى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، بۇرغا ساداسى جاراڭلىق ۋە ياڭراق ئىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇزۇن پاياندازدا يانمۇيان ماڭدى. لەپىلدەۋاتقان دۆلەت بايراقلىرىغا، «ياخشىمۇ سىز» دەپ ئەھۋال سوراشلارغا قىزغىن ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئىللىق مېھىر- مۇھەببەتنى يەتكۈزۈپ تۇراتتى.

ئاپئاق كۆڭلەك، قىزىل رەڭلىك بەلباغ، مەيدە تەرىپىگە جۇڭگو مودەنگۈلى ۋە قازاقىستان كۈركۈم گۈلى كەشتىلەنگەن... ئازادە، يورۇق ئەزىز مېھمانلار بىناسىنىڭ چوڭ زالىدا، 14 ئۆسمۈر يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا جۇڭگو تىلىدا «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بەردى.

«چوڭ بولغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى چىڭخۇا داشۆگە بېرىپ ئوقۇغۇم بار» «چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇش مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم، مېنىڭ پىروگرامما لايىھەلەشنى ئۆگەنگۈم بار»... بالىلار خۇشال ھالدا شى بوۋىسىغا ئۆزلىرىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى سۆزلەپ بەردى. «سىلەرنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن!» رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى. «كەزدۇق تاغلارنى، كەزدۇق تۈزلەڭنى، كەزدۇق ئۆركەشلىگەن خۇاڭخې- چاڭجياڭنى...» جۇڭگو ئارزۇ يىلتىز تارتىدىغان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە ئارزۇ رېئاللىققا ئايلىنىدىغان جاي.

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى پائالىيىتى زىچ قانات يايدى. ئىككىنچى كۈنى موتوسىكلىت ئەترىتى يول بويى مۇھاپىزەت قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كىردى. ئالتە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ھاۋا بوشلۇقىدا جۇڭگو دۆلەت بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق رەڭلىك لېنتا ھاسىل قىلدى. بۇ، قازاقىستاننىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن چەت ئەل رەھبىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئىدى.

سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېف كۈنلۈك تۇتۇپ ئاسمانغا قاراپ، ئۇرۇش ئايروپىلانىغا قول ئىشارىسى قىلدى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئەگمە ئۆگزىسى ئۈستىدىكى بۈركۈت ھەيكىلى خۇددى «جۇڭگو ھەسەن- ھۈسىنى»گە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنە مۇشۇ جايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئالىي شان- شەرىپى بولغان «ئالتۇن بۈركۈت» ئوردېنىنى قوبۇل قىلىپ، «جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ خۇددى ئالتۇن بۈركۈتتەك قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ، يىراق مەنزىلگە يېتىش»ىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنىدى.

− 100 يىللىق قەدىمىي شەھەر دۈشەنبىدە، ئايروپورتقا بېرىپ رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ راخمان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كەلدى. ئاستانىدىن دۈشەنبىگىچە، ئارىدىن بىرنەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يۈز كۆرۈشتى، ئىككى قەدىناس دوست كۈلۈمسىرىگىنىچە قىزغىن قۇچاقلىشىپ، چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

«ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، قىزغىن، مېھماندوست تاجىكىستان سىزنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.» سەبىي، ئوماق تاجىكىستان بالىلىرى جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا قىزىل ئەتىرگۈل سوۋغا قىلدى، جۇڭگو تىلى، تاجىكىستان تىلى ئارقىلىق قوش تىلدا ئەھۋال سورىدى. «رەھمەت سىلەرگە.» رەئىس شى جىنپىڭ بالىلارغا رەھمەت ئېيتتى.

قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراققا ئىگە كۆزدىن كەچۈرۈش راۋىقى، كاتتا- داغدۇغىلىق مېھمان كۈتۈش مۇراسىمى. رەڭگارەڭ گۈللۈك لېنتىلار قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىگە قوندۇرۇلغان بولۇپ، 1500دىن ئارتۇق تاجىكىستان ياشلىرىنىڭ بەزىلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، بەزىلىرى دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلاتتى. قىزغىن تەبەسسۇم، جۇشقۇن ئۇسسۇل ھەرىكىتى، قويۇق جۇڭگو- تاجىكىستان مېھرى ھەممە يەرگە تارالدى.

ئىككىنچى كۈنىدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيداندا، 21 پاي ھۆرمەت توپى يەر- جاھاننى لەرزىگە سالدى. رەئىس شى جىنپىڭ تاجىك تىلىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن «كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر!» دەپ ئەھۋال سورىدى، ئەترەت ئەزالىرى بىردەك «ياخشىمۇ سىز، رەئىس جانابلىرى!» دەپ جاۋاب بەردى.

زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى ئالدىدىكى سۇپىدا قەدىمىنى توختىتىپ، زۇڭتۇڭ راخمان ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى جۇڭگو ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنى كۆرسىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا: «پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى مەيدان شەھەر ئاھالىلىرى سالقىندايدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىپ، دۈشەنبىنىڭ يېڭى داكا جايى بولۇپ قالدى» دېدى.

«مەن زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن 15 قېتىم ئۇچرىشىپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە چوڭقۇر شەخسىي دوستلۇق ئورناتتىم»، رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاننىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە شۇنداق دەپ يازدى. شۇنداقلا بىر يىل ئىلگىرى، يەنە شىئەندە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ راخماننى «دانا، تەجرىبىسى مول، يىراقنى كۆرەر سىياسىيون»، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى دەپ تەرىپلىدى. زۇڭتۇڭ راخمان بۇ باھاغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، تاجىكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ بۆلەك سىننى قايتا- قايتا كۆرسەتتى.

بۇ چوڭقۇر دوستلۇق ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى.

زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئەينەكلىك زالىدىكى چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىغا جۇڭگو يېزىقى ۋە تاجىكىستان يېزىقىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ <دوستلۇق ئوردېنى>نى بېرىش مۇراسىمى» دەپ يېزىلغانىدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قېلىن ياغاچ ئىشىكنى ئاچتى، «دۆلەت باشلىقلىرى مارشى» ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راخمان مەزمۇت قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەلدى. بەش يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ جايدا، زۇڭتۇڭ راخمان رەئىس شى جىنپىڭغا تاجىكىستاننىڭ دۆلەت ئەڭ ئالىي شان- شەرىپى بولغان «تاج ئوردېنى»نى بەرگەنىدى.

«بۇ، جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم چېگرا سىرتىدا <دوستلۇق ئوردېنى> بېرىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ زۇڭتۇڭ راخمانغا ۋە تاجىكىستان خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىلغان ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى.» ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىممەتلىك ئوردېننى سۇندى، رەئىس شى جىنپىڭ «جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى»غا تەنتەنىلىك ھالدا ئوردېننى ئېسىپ قويدى. زۇڭتۇڭ راخمان تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ شان- شەرەپ تاجىكىستاندىكى بارلىق خەلقنىڭ قەتئىي ھالدا تاجىكىستان- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك».

نەق مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلار ئارقا- ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى.

ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، ئۆزئارا ئىشەندى، ئۆزئارا چۈشەندى، ئۆزئارا قوللىدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

جۇڭگو- قازاقىستان دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېف «قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»نى تەكىتلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق ئىزاھلىدى: «مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان دوستلۇقىنى قوغداش ئەسلىي مەقسىتى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش قەتئىي ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ».

توقايېف تارىختىن سۆز ئېچىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى دۆلەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، جۇڭگو ئەزەلدىن قازاقىستان تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ باقمىدى، ئەكسىچە، جۇڭگو بىزگە كۆپ قېتىم ياردەم قولىنى سۇندى.» «جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قازاقىستان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئالدىنقى يۆنىلىش».

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، زۇڭتۇڭ راخمان ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تاجىكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى <تەيۋەن مۇستەقىللىقى>غا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ».

«خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ تاجىكىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى، قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھى، يېقىن قېرىندىشى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى سەمىمىي بولدى.

قەدەممۇقەدەم ماڭدى، يول بويى سەپەرداش بولدى، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويدى.

ئىككى قوشما بايانات يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يىرىك پىلان تۈزدى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى.

جۇڭگو- قازاقىستان قوشما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى تەرەپ: ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى <ئالتۇن 30 يىلى>نى بەرپا قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.» قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ مول ئىچكى خاس مەزمۇنغا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان جۇڭگو- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، ئىككى دۆلەت بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

جۇڭگو- تاجىكىستان قوشما باياناتى «يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى رەسمىي جاكارلىدى. يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو- تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

( 2 )

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ مول ۋە زىچ كۈنتەرتىپى داۋامىدا، دىققەت ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىككى مەيدان پائالىيەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇنىڭ بىرى جۇڭگو- ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمى.

بىر تەرىپى كاسپىي دېڭىزى پورتى نەق مەيدانى، يەنە بىر تەرىپى قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مەرمەر تاش زالى. 7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىقىدىكى بۇ مۇھىم پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

«ھۆرمەتلىك رەئىس شى جىنپىڭ، ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ توقايېف، جۇڭگو- ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ 26 يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتوموبىل ئەترىتى ھەم جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىكى 110 يۈك ساندۇقى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قۇرىق پورتى ۋە ئاقتاۋ پورتىغا يېتىپ كەلدى، تەييارلىق پۈتتى، يوليورۇق بەرگەيسىلەر!»

«قاتناش باشلانسۇن!» ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، يىراق كاسپىي دېڭىزى ساھىلىدىكى قۇرىق پورتى بىلەن ئاقتاۋ پورتىدا شۇ ھامان مەشغۇلات باشلاندى. ئاپتوموبىللار پاراخوتقا چىقىرىلدى، يۈك ساندۇقلىرى پاراخوتقا قاچىلاندى، قۇرۇقلۇق يولى بىلەن سۇ يولى ھەمتۈرتكە بولدى، كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. چوڭ ئېكراندا ئەمەلىي ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش كۆرسىتىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن ھالدا چاۋاك چېلىپ تەبرىكلىدى.

مەملىكەت سىرتىدا نام چىقارغان «جۇڭگودا ياسالغان» مەھسۇلاتلار تاشيول، تۆمۈريول ئارقىلىق تەڭلا توشۇلىدۇ ياكى شىنجاڭدىن يولغا چىقىپ، ياكى چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ شىنجاڭدىن ئۆتۈپ، قازاقىستاننى كېسىپ ئۆتۈپ كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا يېتىپ بارىدۇ، ئاندىن يۈك پاراخوتىغا قاچىلىنىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلدىن ئۆتۈپ، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، تۈركىيە، ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدۇ. بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى، بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تاشيولدا بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق كاسپىي دېڭىزى پورتىغا يېتىپ بېرىشى بولدى. بۇ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى تىرانسپورتى بىرگەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ رەسمىي بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ كۆرۈنۈش 2017- يىلى 6- ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە قاتناشقان جۇڭگو- قازاقىستان ئاسىيا- ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت سىنلىق ئۇلىنىش مۇراسىمىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ قورغاس ئارقىلىق قازاقىستانغا تۇتىشىدىغان يېڭى ئاسىيا- ياۋروپا قۇرۇقلۇق- دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت يولىغا تايىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولغان قازاقىستان تىنچ ئوكيانغا بىۋاسىتە يېتىپ بارىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشتى.

قىسقىغىنا يەتتە يىل ۋاقىتتا، جۇڭگو- قازاقىستان ئاسىيا- ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتىدىن، جۇڭگو- ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىغىچە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش خەرىتىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك دېڭىز سەپىرى دەۋرىنى ئېچىشى بىلەن خەلقئارا سودىدا «قۇرۇقلۇقتا توشۇشنىڭ دېڭىزدا توشۇشقا ئۆزگىرىشى»گە دۇچ كەلگەن ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق مەركىزى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، قايتىدىن قەد كۆتۈرگەن يەرشارىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تىرانسپورت تۈگۈنلىرى توختاۋسىز تاۋار ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات پايدىسى، ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

يەنە بىرى تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى.

جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پارلامېنت بىناسى ۋە ھۆكۈمەت بىناسى تۈرى كۆرگەزمە تاختىسىدا بىر پارچە سۈرەت نامايان بولۇپ تۇراتتى. بۇ، بەش يىل ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە تۈر مودېلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈش ئىدى.

2020- يىلى 8- ئايدا تۈردە رەسمىي ئىش باشلاندى. قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاختىپەر، گۈرۈلدەۋاتقان قېزىش ماشىنىلىرى... جۇڭگو- تاجىكىستان قۇرۇلۇشچىلىرى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. تۆت يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ھەيۋەتلىك ئىككى ئېگىز بىنا دۈشەنبە شەھەر مەركىزىدە قەد كۆتۈردى، بىناكارلىق ساھەسىدە «يىپەك يولىدىكى يېڭى مۆجىزە» يارىتىلدى.

مەرمەر تاش چاپلانغان نەپىس تام يۈزى، چىرايلىق بېزەلگەن ياغاچ تۈۋرۈك، جۇلالىنىپ تۇرغان خىرۇستال ئاسما چىراغ... 7- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچقۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راخمان قول تۇتۇشۇپ پارلامېنت بىناسىغا كىرىپ، ئىككى بىنانىڭ يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى.

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن، ئىككى بىنا رەسمىي پۈتتى، بۇ، تاجىكىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، جۇڭگو- تاجىكىستان دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان يېڭى يەر بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ».

زۇڭتۇڭ راخمان ئىككى بىنانى «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى پەيتىدە تاجىكىستان خەلقىگە تەقدىم قىلغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىسى» دەپ قارىدى. ئۇ يەنە ئىككى بىناغا تاجىكىستاننىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە جۇڭگونىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى مۇكەممەل يۇغۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ لايىھەلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ يولغا قويغان چەت ئەلگە ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىنى جانلىق ئەمەلدە كۆرسەتتى.

ۋاقىت ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بولۇپ، ھەمكارلىقنىڭ سەمىمىيىتى ۋە سۈپىتىنى ئۆلچەيدۇ.

بەش يىل، يەتتە يىل، ۋاقىت ئوقى يەنىمۇ ئۇزارتىلسا، جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستان ھەمكارلىقىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان جايغا قايتا كېلىپ، ئۆتكەن 11 يىلدا بېسىپ ئۆتكەن «كۆپچىلىك ھەمكارلىشىپ قىلغان ئىش نەتىجىلىك بولىدىغان، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان» يولغا نەزەر سالساق، تۈرلۈك- تۈمەن تەسىراتقا، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچكە ئىگە بولىمىز.

قازاقىستان جۇڭگو بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا چېگرا ھالقىغان نېفىت- تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇشنى يولغا قويۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى.

جاناتاس شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تۇرگۇسۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، چىمكەنت تاۋلاش زاۋۇتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى»، شىئەن قۇرۇقلۇق پورتى پىرىستانى... جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى رەئىس شى جىنپىڭ پىششىق بىلىدۇ.

«بۇلتۇر، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا رېكورت يارىتىلىپ 41 مىليارد دوللارغا يەتتى» «نۆۋەتتە ئومۇمىي سوممىسى 14 مىليارد 500 مىليون دوللار بولغان بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 45 تۈر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ» «جەئىي 4700دىن ئارتۇق جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا قازاقىستاندا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈردى»... جۇڭگو- قازاقىستان ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى زۇڭتۇڭ توقايېف پىششىق بىلەتتى.

تاجىكىستان دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ جۇڭگو بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان دۆلەت.

ياۋەن سېمونت زاۋۇتى، دانگارا يېزا ئىگىلىك- توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق كەسىپلەر ھەمكارلىقىدىن جۇڭگو- تاجىكىستان تاشيولى، ياۋەن- ۋاخدات تۆمۈريولى تونېلى قاتارلىق تۇتاشتۇرۇش تۈرلىرىگىچە، جۇڭگودىكى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرگەن تاجىكىستاننىڭ گىلاس، لىمونلىرىدىن كۇڭزى شۆيۈەنى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، جۇڭگو- تاجىكىستان جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەركىزىگىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش باشتىن- ئاخىر جۇڭگو- تاجىكىستان ھەمكارلىقىدىكى بىر ئاساسىي لىنىيە بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلىمەكتە.

سۈرەتتە: 2021- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قازاقىستان تۇرگۇسۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئوسپانوف فوتوسى)

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ھەمراھلار ئارىسىغا كەلدى، بۇ ئەسىر قۇرۇلۇشىنى كەلگۈسىدە قانداق ئىشلەش كېرەك، نۇقتىلىق يۆنىلىشى قەيەردە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى.

تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك −

كونكرېت ھالدا جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- تاجىكىستانغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى «ئادىل قازاقىستان» ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن تاجىكىستاننىڭ «2030- يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر- بىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋەزىپە- نىشاننى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك −

جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، كەلگۈسىدە سودا سوممىسىنى بىر قاتلاشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى نىشانىنى ئورتاق بېكىتتى.

جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان تاجىكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى ۋە ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، 2023- يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 4 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: سودا كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو- تاجىكىستان تاشيولىنىڭ ئاچقۇچلۇق يول بۆلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ھەمكارلىق ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك −

ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدىن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقىچە، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشىدىن مائارىپ، تاراتقۇغىچە... بۇ قېتىمقى زىيارەت رامكىسى ئىچىدە ئىككى تەرەپ 30 نەچچە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. زۇڭتۇڭ توقايېف قازاقىستان- جۇڭگو ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقىغا ئالاھىدە ئۈمىد باغلىدى: «قازاقىستان جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشكە ئىنتايىن قىزىقىدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راخمان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، قېزىلما بايلىق، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى كېيىنكى «ئالتۇن ئون يىل»غا نىسبەتەن كىشىنى چەكسىز ئويغا سالىدىغىنىدىن يەنە جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ جانلىق ۋە تەسىرلىك «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى بار. خەلق − ئاساس، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئۈمىد. خەلقنىڭ دوستلىشىشىدىن خەلقنىڭ سىرداش بولۇشىغىچە، يەنە خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگىچە، كىچىك ئېقىنلار دوستلۇق تۇپرىقىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھەمكارلىق ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتماقتا.

7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتە، قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مەرمەر تاش زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىرلىكتە ئاستانا جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، بېيجىڭ قازاقىستان مەدەنىيەت مەركىزى ۋە بېيجىڭ تىل داشۆسىنىڭ قازاقىستان شۆبىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىزىل شايى يوپۇق بىلەن قازاقىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆك شايى يوپۇق ئالتۇن رەڭلىك لەۋھە تاختىسىدىن ئاستا- ئاستا سىيرىلىپ چۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىغا يېڭى كۈچ قوشتى.

زىيارەت مەزگىلىدە، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان خۇش خەۋەرلەر ئارقا- ئارقىدىن تارقالدى: جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاندا ئىككىنچى لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىشنى، كېلەر يىلى قازاقىستاندا «جۇڭگو ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. جۇڭگو تىلى، جۇڭگو تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، جۇڭگو تەجرىبىسى، جۇڭگو ئىدىيەسىدىن ئۆرنەك ئېلىش، ياكى جۇڭگوغا بېرىش، ياكى جۇڭگونى تەكلىپ قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان «جۇڭگو قىزغىنلىقى» دوستانە ھەمكارلىق جەڭگىۋار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش يېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى ئارزۇ ۋە ئىستەك.

(3)

ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىشتىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن دوستلار بىلەن بېيجىڭدا ئالاھىدە بىر كۈننى − تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە خاتىرىلىدى.

70 يىل ئىلگىرى، ئىسسىق ئۇرۇشتىكى ئازاب، بالايىئاپەت ۋە سوغۇق ئۇرۇشتىكى بۆلۈنۈش، تىركىشىش ئالدىدا، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا بولغان تارىخىي جاۋابنى بەردى؛ بۈگۈنكى كۈندە، «قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت زور تېما ئالدىدا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ دەۋر جاۋابىنى بەردى.

بىر كالتەكنى ئېلىپ كۈچ ئۇلاپ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى، بىر مۇساپىنى يەنە بىر مۇساپىگە ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندى، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كۈچى، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئارقىلىق چاقىرىق قىلىش كۈچى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان، نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئوينايدىغان، تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتى. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسى ئورتاق تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالدى.

بىرىنچى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىجادىيىتى. بۇلتۇر 5- ئايدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى رەسمىي ئورنىتىلدى. بۇ يىل 3- ئايدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسى رەسمىي قۇرۇلدى. قانداق قىلغاندا بۇ رايوننىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ يىراق مەنزىلگە يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف ۋە زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن مېخانىزم قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى.

2025- يىلى 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى قازاقىستان ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئارىلىقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىئەندىكى جەم بولۇشنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى سېلىشتۇردى، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش يېڭى يولى، يېڭى ساھەسى ئۈستىدە ئىزدەندى... جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىلگىرىلەيدۇ، تەرەققىي قىلىپ بىللە ئىلگىرىلەيدۇ.

ئىككىنچى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نى قۇرۇش.

بۇ يىلقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئارقا- ئارقىدىن بولدى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى −

بېلارۇسىيەنىڭ ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشى رەسمىي تەستىقلاندى، تۇنجى قېتىم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى...

«ئاستانا خىتابنامىسى» ئىمزالاندى ھەم ئېلان قىلىندى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى ھەمدە ئېنېرگىيە، سېلىنما، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئالاقىدار بىر قاتار قارارلىرى تەستىقلاندى، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پىرىنسىپى توغرىسىدىكى بايانات ئېلان قىلىندى...

ئىمزا قويۇش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ھۆججەتلەر غايەت زور يۇمىلاق ئۈستەلدە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئارىسىدا تەرتىپ بويىچە يەتكۈزۈلدى. ئىمزا قويۇشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، پۈتكۈل جەريان 15 مىنۇت داۋاملاشتى.

جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى دىققەتنى قوزغىدى. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، تەشكىلاتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى مۇجەسسەملەش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم بۇرچ.

بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگونىڭ ھەم ئىدىيەسى، ھەم ھەرىكىتى بار.

مەسىلەن، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇشى دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ، خاتىرجەم بولغان، گۈللەپ تەرەققىي قىلغان، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان ئورتاق ماكان قۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى.

مەسىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش؛ 2025- يىلىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىلى» قىلىپ بېكىتىش؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى قارشى ئېلىش؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ كەلگۈسى بەش يىلدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى 1000 ياش جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش سانى بىلەن تەمىنلەش...

ئۈچىنچى، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش.

100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك كىرىزىس ۋە خىرىس ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈلۈپ، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدىن «شاڭخەي روھى»غىچە، يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، روھنىڭ ئىچكى يادروسى تومۇرداش.

ھەممىسىدە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىدىغان يادرولۇق سۇپا، رولىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

ھەممىدە باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نى ئورتاق ھالدا «تۆت چوڭ كۈچ» قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ھەمكارلىقىنى قوللايدىغان «سەككىز تۈرلۈك تەدبىر»نى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەقىقىي، كونكرېت بولغان جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو ھەرىكىتى ئارقىلىق، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ تەسىرىنى زورايتتى.

زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق جاكارلىدى: «جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا سەھنىدە <ئوتتۇراھال كۈچلۈك دۆلەت>لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ».

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، <يېڭى سوغۇق ئۇرۇش>نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازالاش ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ».

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش، خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە».

«دۇنيادا توغرا ئورۇندا تۇرۇش، توغرا يول تۇتۇش كېرەك.» ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى تېخىمۇ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ رولىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى مەزگىلىدە، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە ۋە كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە سەھنىسىدە، يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى تەرەپلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىلغا ئالغان تېمىغا، ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلىگەن ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

زۇڭتۇڭ توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو چىڭ تۇرىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قازاقىستان- جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

زۇڭتۇڭ راخمان رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى چوڭقۇر تارىخىي ئېنىق كۆز قاراشقا ۋە كەڭ يەرشارىۋى نەزەر دائىرىگە ئىگە ئۇلۇغ رەھبەر، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن يەرشارىۋى تەشەببۇس ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق».

«ئۆزبېكىستان جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ» «بېلارۇسىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ»... بۇ، « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»دىن كەلگەن سادا.

«جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ۋە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ناھايىتى زور دەرىجىدە جۇڭگوغا باغلىق.» رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ناھايىتى ھاياجانلاندى.

7- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2024- يىلى يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. پارلاق قۇياش نۇرىدا، كۈمۈش رەڭلىك مەخسۇس ئايروپىلان دۈشەنبىدە بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، شەرققە قاراپ ئۇچتى. قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ساداسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خەلقلەرنىڭ قەلبىدە ياڭرىدى...

(قاتناشقان مۇخبىرلار: ليۇ كەي، جاڭ جىيې، گۇەن جيەنۋۇ، گېڭ پېڭيۈ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125