ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا) 7- ئاينىڭ 9- كۈنى، 2024- يىللىق كەسپىي قەھۋەگە گۈل چىقىرىش ئۇستىلىرى ماھارەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىنىڭ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋەندا مەيدانىدا باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىن كەلگەن 32 ماھىر ئوخشاش سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئېسىل قەھۋە زىياپىتى سۇندى.
7- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر قەھۋەگە گۈل چىقارماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
7- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر قەھۋەگە گۈل چىقارماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
مۇسابىقىدە قەھۋەگە گۈل چىقىرىش ئەسەرلىرىنىڭ تاماملىنىش دەرىجىسى، سېلىشتۇرما دەرىجىسى، شەكىل ئورنى، ئىجادىيىتى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتتە ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇش، تۆت نۆۋەت تاللاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بىر چېمپىيون باھالاپ چىقىلىپ، مەملىكەت بويىچە قەھۋەگە گۈل چىقىرىش ئۇستىلىرى ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى قەھۋەگە گۈل چىقىرىش ماھارەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى شىنجاڭ ئاۋكەي قەھۋە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالدى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئىدارىسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى.
7- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر قەھۋەگە گۈل چىقارماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
7- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇسابىقىدىن بۇرۇن، باھالىغۇچى نومۇر قويۇش قائىدىسىنى تۈزەتمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)