كاچۇڭ سەنىمى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش
سەنەم − ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا، شېئىر بىر گەۋدە قىلىنغان بىر خىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالغان. ھەرقايسى جايلارنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى، ئادىمىيەت- جەمئىيەت، تىرىكچىلىك ئۇسۇلى، تارىخىي ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىكى سەنەمنىڭ شەكلى ئومۇميۈزلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان بەدىئىي خاسلىقنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى سەنەمنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەر سەنەمنىڭ ئالدىغا رايون نامىنى قوشۇپ پەرقلەندۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. كاچۇڭ سەنىمى يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىسىدىكى خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى ناخشا- ئۇسسۇل.
7- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن كاچۇڭ يېزىسىدا، خەلق سەنئىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر توپ سەنئەتكار رەڭگارەڭ كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، قوللىرىغا ھەر خىل چالغۇلارنى ئېلىپ، لەرزان قەدەملىرى بىلەن كاچۇڭ سەنىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنىڭ نادىر بۆلەكلىرىنى ئورۇنلىدى.
كاچۇڭ سەنىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا- ئۇسسۇلىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىگە تارقالغان، بولۇپمۇ كاچۇڭ يېزىسىدا ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئەڭ ئومۇملاشقان، شۇنداقلا ئەڭ كونكرېت ئالاھىدىلىككە ئىگە. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى سەنەمگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، كاچۇڭ سەنىمى تېخىمۇ جۇشقۇن، تېخىمۇ مەردانە، تارىخنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ئىگە بولۇپ، تاغلىق رايوندىكى ئۇيغۇر مىللىتى مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلغان بىردىنبىر ناخشا- ئۇسسۇل شەكلى ھېسابلىنىدۇ. 2008- يىلى، كاچۇڭ سەنىمى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى مەمەتئېلى مەمتىمىن)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)