7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ تۇنجى مۇزىكىلىق بالىلار تىياتىرى «لۇدۇەن» ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى، ئۈچ كۈندە شىنجاڭدىكى 1000دىن ئارتۇق ئائىلە، 3000غا يېقىن تاماشىبىننىڭ دىققىتىنى تارتتى، نەق مەيداندا ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى.
لۇدۇەن جۇڭگو رىۋايەتلىرىدىكى كۈنىگە 10 مىڭ چاقىرىم يول يۈرەلەيدىغان مۇقەددەس ھايۋان، قەدىمكى ئوردىدا لۇدۇەننى ئەندىزە قىلىپ ياسالغان نۇرغۇن بۇيۇم بار.
گۇگۇڭ سارىيىنى سەھنىگە «ئېلىپ چىقىش» بۇ تىياتىرنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئىجادىيەت كوللېكتىپى كۈچەيتىلمە رېئاللىق (AR)، چۆكۈش شەكلىدىكى سەھنە سەنئىتى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەقەلىكنى ماھىرلىق بىلەن بايان قىلىش بۇ تىياتىرنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ھالقا.
ھېكايىدە جۇڭخۇا تاق مۈڭگۈزلۈك ھايۋىنى لۇدۇەن دۇنياغا بولغان قىزىقىش ھەۋىسى بىلەن ئىزدىنىش جەريانىدا گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ئوردا تارىخ بۆلۈمىدىكى لاۋ گاۋنىڭ نەۋرىسى گاۋ شياۋدۇەن بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ھەم نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقى پېرسوناژلىرى بىلەن بىرلىكتە زىجىنچېڭنىڭ سىرىنى يېشىش سەپىرىنى باشلىغان.
«لۇدۇەن» ناملىق تىياتىرغا شىنجاڭ خوتەننىڭ «دايۈنىڭ سۇنى تىزگىنلەش خەرىتىسى»دىكى قاشتاشتاغ ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈلۈپ، «قاشتېشى جياڭجۈن»دىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە ئوبراز ئالاھىدە يارىتىلغان.
«لۇدۇەن» ناملىق تىياتىردا مۇزېينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەربىيەسى بىلەن گۈزەللىك تەربىيەسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت شەكلى ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆزلىتىلىپ تارىخنى سۆزلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكەن، تاماشىبىنلار ئويۇن كۆرۈش جەريانىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
«لۇدۇەن» تىياتىرىنىڭ ئىشلىگۈچىسى، گۇگۇڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى دۇ خەيجياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ تىياتىر گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، <مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش> نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بالىلارنى گۇگۇڭ سارىيىنى چۈشىنىش، گۇگۇڭ سارىيىغا كىرىپ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىدۇق، بىز كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق تىرىشىپ، مۇزېي تەربىيەسىنى بالىلار، ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ ياڭ)