مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ ئۇدۇللاشتۇرۇلدى
17:42:20 2024-07-10 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا 2024- يىللىق «10 مىليون ئىش ئورنىغا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى» − ئاپتونوم رايوننىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپى بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە- قېزىلما بايلىق كەسپى بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

 يەنە بىر يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساھەلەرگە ئايرىپ، كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېخىمۇ ئۇدۇللاشتۇردى.

 2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە- قېزىلما بايلىق كەسپى بويىچە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نەق مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دىققەت ئېنېرگىيە- قېزىلما بايلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە- قېزىلما بايلىق كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا سىياسەت تەشۋىقات رايونى، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش رايونى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش رايونى، تىجارەت خاراكتېرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاراتمىلىقى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.

 تور سىرتىدىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (/https://www.xjrc365.com) غا تايىنىپ مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىلەن كارخانىلارغا توردا ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، پائالىيەت 8- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

 7- ئاي كىرىشى بىلەن ئاپتونوم رايون 2024- يىللىق ئاپتونوم رايوندىكى مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يار- يۆلەك بولۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. 12- ئايغىچە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى دىققەتنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېھتىياجنى يېتەكلەش بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش» بويىچە قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنى توپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، كىملىكتىكى ئىسمى بىلەن تىزىملاپ ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈجۈپىلەشكەن، ھەر تەرەپلىمە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بالدۇر، تېز ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125