دەرىجىدىن تاشقىرى «توكدان» ئۈرۈمچىدە ياسالدى
17:44:50 2024-07-10 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) شىنجې ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2GWh يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىرگىنىمدە، 100 يۈرۈشتىن ئارتۇق يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەڭشىلىۋاتاتتى. تەڭشەش تاماملانغاندىن كېيىن ماناس ناھىيەسىدىكى تۈر قۇرۇلۇش ئورنىغا ئەۋەتىلىدىكەن.

 يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئېنېرگىيە ساقلاش باتارېيە سېپى، باتارېيە باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئېنېرگىيە ساقلاش تەتۈر ئۆزگەرتكۈچى قاتارلىق كۆپلىگەن بىرىكمە دېتال ۋە 80 دانە 350 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى لىتىيلىق باتارېيەدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىر «توكدان»غا باراۋەر، بىرسىدىلا 3440 كىلوۋات/سائەت توك ساقلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئادەتتىكى بىر ئائىلىنىڭ ئىككى يىل توك ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ.

 شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت باشلىقى ياڭ چېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تەڭشىلىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت مەبلەغ سالغان ماناسنىڭ 100 مىڭ كىلوۋات/400 مىڭ كىلوۋات/سائەتلىك ئېنېرگىيە ساقلاشقا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن 400 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت بازارلاشتۇرۇش ھەمدە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش تۈرىگە يەتكۈزۈلىدۇ، 2024- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش مۆلچەرلەنمەكتە. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى توك ئىشلىتىش تۆۋەن بولغاندا توك قاچىلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالىغا ياردەم بېرىدۇ، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە زەرەت قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى پەللىدىكى تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھەم شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتا تەبىئەتكە تايىنىپ تۇراقسىزلىقنى پەسەيتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، يەنە شەھەر ۋە سانائەتتە توك ئىشلىتىش تۆۋەن بولغاندا توكنى ساقلىۋېلىپ، يۇقىرى پەللىگە چىققاندا زەرەت قويۇپ بېرىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

 بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)دىكى نۇقتىلىق ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجې ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2GWh يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتى پۈتتى، بۇ، ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش ساھەسىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر بۇ شىركەت 2- ئەۋلاد مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئۇنىڭ توك ساقلاش مىقدارى تېخىمۇ كۆپ، مەھسۇلات بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كۈچلۈك.

 2GWh يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش تۈرى شىنجې ئېنېرگىيە 5GWh ئېنېرگىيە ساقلاش جابدۇقلىرىنى ياساش بازىسىنىڭ 1- قارارلىق تۈرى.

 شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لۇ ۋېي مۇنداق دېدى: «شىنجې ئېنېرگىيە 5GWh ئېنېرگىيە ساقلاش جابدۇقلىرىنى ياساش بازىسى تۈرى جەمئىي ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلىدۇ، 2025- يىلى 10- ئايدا پۈتۈش مۆلچەرلەندى. بۇ تۈر <جەنۇبنىڭ شامال، شىمالنىڭ يورۇق> بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، توك مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك، ئېنېرگىيە ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ».

 شىنجې ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «بىر باش ئىشتاب، ئىككى بازا، كۆپ مەركەز» قۇرۇپ، ئىلغار پەن- تېخنىكا تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى، ھازىر چىڭخۇا داشۆ، شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق مەملىكىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات يۇرتى- ئورنى بىلەن بىرلىكتە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پەن- تېخنىكىغا سىجىل مەبلەغ سېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

 لۇ ۋېي مۇنداق دېدى: «ھازىر شىنجې ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 20 نەچچە تۈرلۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلدى، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن ئۆمۈر دەۋرىيلىكىدىكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىسى، ھەرىكەت ھالىتىدە قايتا قۇرۇشقا بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلما لايىھەسى ۋە يۈرۈشلۈك تېخنىكىسى، رەقەملىك ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى ئاساسىدىكى باتارېيەنى ئاپتوماتىك يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈش بۇلۇت سۇپىسى، رەقەملەشكەن «ئېنېرگىيە بۆلىكى» ئاساسىدىكى تارقالما ئاقىل ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرۋەك كونتروللىغۇچ ۋە مەۋھۇم ئېلېكتىر ئىستانسىسى پولىمېرلىنىش سۇپىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لېي خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125