ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بەدىنىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىدا «قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىش» كۆرۈلسە، ياللۇغلىنىپ قاپتۇ، دېسەك بولىدۇ. ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار (باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، ۋىرۇس، مىكوپىلازما قاتارلىقلار) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ «يۇقۇملىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ياكى فىزىكىلىق، خىمىيەلىك سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، پۇتى قايرىلىپ كېتىش، قىسىلىش، تاشقى يارا (كۆيۈك يارىسى، بېسىلىپ زەخىملىنىش، كۈن نۇرىدا كۆيۈش)؛ يەنە بەدەندىكى «ئىچكى جاڭجاڭلار»، مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى (ئاشقازان ئاستى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەزىم قىلىش فېرمېنتى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئۆزىنى ھەزىم قىلىدۇ)، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى (ئۆز ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بوغۇم توقۇلمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ).
ئاموشىلىن ئانتىبىيوتىك بولۇپ، ئالاھىدە باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاموشىلىن يېگەندە، باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغقىلا ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن، باشقا ياللۇغلارغا كەلسەك، ئاموشىلىن يېسە ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئىلمىي رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)