ئوقۇش پۈتتۈرۈش پەسلى، يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ساياھەت، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۇلالچىلىق كەنتى، پىچاقچىلىق كەنتى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، قەدىمىي ھۈنەر- سەنئەتنىڭ ھارارىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سەنئىتىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. 6- ئايدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 721 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.72 ئاشتى.