يېڭىسار ناھىيەسى ھازىرقى بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «باغ ئىقتىسادى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت سەيلە- ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى، شەھەر ئەتراپى ساياھەتچىلىكى ئۆزگىچە ئىستىراھەت شەكلىنى بەرپا قىلىپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ قوشتى.
7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر يېڭىسار ناھىيە شەھەر يېزىسى كانچۇل كەنتىنىڭ مېۋە ئۈزۈش باغچىسىغا كىرگىنىدە، پىشقان ئۆرۈكلەر، توقاچ شاپتۇللار ۋە قىپقىزىل توغاچلار كۆزلەرگە تاشلىنىپ، مەي باغلاپ پىشقان يۇمران مېۋىلەر شاخلاردا ئېسىلىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ، ئۆرۈك، توقاچ شاپتۇللارنى تېتىغاچ، مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھىر ئېلىۋاتاتتى.