ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ) 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىرنىڭ «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 47 مىليون 438 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، %18.3 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 47 مىليارد يۈەن بولۇپ، %35 ئاشقان.
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا سەيلە- ساياھەت قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، جەمئىي 4 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار بىر كۈندە ئەڭ كۆپ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇ يىل ئىچىدىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)