مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
22:13:46 2024-07-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە تارقىتىپ بەردى 

 

7- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ 1- يىڭ 2- ليەنىگە لەۋھە بەردى ھەم بۇ ليەندىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقى پەيتىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 7- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە تارقىتىپ بەردى.

 1- ئاۋغۇست بىناسىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا، قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋە مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى رەتلىك سەپكە تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، 18 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىرىپ، قورال تۇتۇپ ئىككى تەرەپتە تىك تۇردى، تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپلىك نام بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 جاراڭلىق، كۈچلۈك «خەلق ئارمىيەسى پارتىيەگە سادىق» ناملىق مۇزىكا ئىچىدە، شى جىنپىڭ «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ 1- يىڭ 2- ليەنىگە لەۋھە بەردى. ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋەكىلى شى جىنپىڭغا ھۆرمەت سالىمى بېرىپ، تەنتەنىلىك ھالدا لەۋھەنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تەبرىكلىدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 تارقىتىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

 مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شەرەپلىك نام بەرگەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125