مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى
22:24:43 2024-07-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ 1-يىڭ 2-ليەنىگە شەرەپلىك نام بېرىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ 1- يىڭ 2- ليەنىگە «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. 

 بۇ ليەن 1937- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تاشەندىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، جىنچېڭ ئۇرۇشى، جىنمېننى توپقا تۇتۇش قاتارلىق ئۇرۇش، جەڭلەرگە قاتناشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ليەن شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ليەن قۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان «تۆتتە پولاتتەك» ليەندۈي تاۋلاپ چىقىپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  بۇيرۇقتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيە ئۇلىنى كۈچەيتىشى، مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە قاراتمىلىق مەشىقنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن تاۋلاپ چىقىش كېرەك؛ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىل كۈرەش قىلىدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىرادە ۋە پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ جاسارىتى ۋە شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

 مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125