«شى جىنپىڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
09:58:42 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى  قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى، خەلق قاتناش نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى مەخسۇس تېمىدا بايان قىلىنغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، قاتناشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يول باشلىغۇچى ئاۋانگارتى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، «كىشىلەرنى سەپەردە راھەت ھېس قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش» گۈزەل ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، يېڭى دەۋردىكى قاتناش- تىرانسپورت تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋردە قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125