يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى پارلاق كېلەچەكنى كۈتۈۋېلىش
10:12:22 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» شىنجاڭنى ئۆزگەرتتى (2)

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شياۋ چۇنفېي، جيا چۇنشيا، يىن لۇ، رېن جياڭ

   كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا، قۇلاق تۈۋىدە توساتتىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شوخ ناخشا- ئۇسسۇل ساداسى ياڭرىدى؛ چىرايلىق كىيىنگەن شىنجاڭ مۇقام ئارتىسلىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قەھۋەسىنىڭ ئۆتكۈر خۇش ھىدىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا، ئافرىقىنىڭ جۇشقۇن دۇمباق ساداسى ياڭرىدى، ئۇلار پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ ئەتراپقا قارىدى... بۇ، يېقىندا يېپىلغان 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو ــــ ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى جانلىق كۆرۈنۈش. كۆرگەزمە سارىيىدا كىشىلەر مىغ- مىغ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تىل، ئوخشاش بولمىغان تېرە رەڭگى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، خۇددى بۇ تۇپراقنىڭ ئۆتمۈشتىكى تارىخىي مەنزىرىسىگە ئوخشاپ قالغانىدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا − ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» بولۇپ، تارىختا ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ھالەتتە ئاۋاتلاشتى، گۈللەندى.

«دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈش» جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ چىن ھېسسىياتى. 2013- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسنىڭ دۇنيا تارىخى نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشى بىلەن بىرلەشتۈردى. ۋاقىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تەقدىم قىلغان زور ئاممىۋى مەھسۇلاتى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك بولغان سىغدۇرۇشچان، تىنچلىق ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ۋاقىت ئوخشاشلا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۇلۇغ تەشەببۇسى ئىلگىرى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭنى جانلاندۇرۇپ، بۇ كەڭ تۇپراقنى نىسپىي بېكىنمە چەت يىراق رايوندىن، بىر سەكرەپلا جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى «باش رولچى»غا ئايلاندۇردى.

بۈگۈنكى شىنجاڭ قانچىلىك جانلاندى

«يايما ئورنى يېتىشمەي قالدى!» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شيۇڭ جېجيا 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو ــــ ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ بەس- بەستە قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئىختىيارسىز ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە يىغىنچاقلىدى: كۆرگەزمە ۋە يىغىنغا قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ، قاتلىمى يۇقىرى، سودىگەرلەرنىڭ سانى كۆپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى كۆپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك.

بۈگۈنكى شىنجاڭ قانچىلىك جانلاندى؟ يېرىم كېچىدە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا يەنىلا ئادەملەر مىغ- مىغ ئىدى؛ بىر قىسىم قىزىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى مېھمانسارايلار نەچچە ئايغىچە زاكاز قىلىنىپ بولغانىدى؛ شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەندە، 10 مىليوندىن ئارتۇق تورداش توردا كۆردى...

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان مېھىرلىك تۇپراققا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى:

2023- يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 912 مىليارد 591 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2022- يىلىدىكىدىن %6.8 ئاشقان؛ 2023- يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 265 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان؛ 2022- يىلى ۋە 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %57، %45.9 ئاشقان.

شىنجاڭنى جۇلالاندۇرغىنى دەل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى.

يېڭى مېۋە، كۆكتاتلار لىق قاچىلانغان سوغۇق ساقلاش ۋاگونسىمان يۈك ئاپتوموبىلى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ تاموژنا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدىن چىقىپ، جۇڭگو قازاقىستان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، قازاقىستانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، نەچچە سائەتتىن كېيىن، بۇ مېۋە،كۆكتاتلار ئالمۇتا بازىرىدا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق مەنزىرە ھەر كۈنى دېگۈدەك بار.

«بىز ھازىر ھەر كۈنى تەخمىنەن 1600 توننا، 80 ئاپتوموبىل ئەتراپىدا مال ئېكسپورت قىلىمىز، يەنە ئالمۇتادا مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى تەخمىنەن 2000 مو كېلىدىغان مەملىكەت سىرتى ئامبىرى قۇرۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن رۇسىيە بازىرىغا يەنىمۇ تەسىر كۆرسەتتۇق.» قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىكى ئېكسپورت سودا سوممىسى بارغانسېرى ئاشتى، 2021- يىلى ۋە 2022- يىلى ئۇدا ئىككى يىل ئېكسپورت سودا سوممىسى 600 مىليون دوللاردىن ئاشتى، 2023-  يىلى 1 مىليارد 530 مىليون دوللارغا يەتتى، بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئېكسپورت سودا سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون دوللار بولدى، يىل ئاخىرىدا 2 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

ئۇ چىن قەلبىدىن خۇرسەن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: « <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى!»

قەشقەر، شىنجاڭدا ۋاپات بولغان داڭلىق يازغۇچى جوۋ تاۋنىڭ تەرجىمىھال ئۇسلۇبىدىكى رومانى «غەربكە سەپەر»دە، توپا رەڭ چەت، يىراق كىچىك شەھەر بولۇپ، «ئۆيلەر ھەرە كۆنىكىگە، يوللار ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشايتتى، ئۆيلەر كېسەك- ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئېرىق- ئۆستەڭلەردە لاي سۇ ئاقاتتى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. بۈگۈنكى قەشقەر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، ئاۋات پەسىلدە مېھمانخانىلار يېتىشمەي قالىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرنىڭ رەڭگى توپا رەڭ بولماستىن، بەلكى رەڭگارەڭ ۋە گۈزەل. ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا، دىلرابا ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ھازىر، دىلرابا بىلەن ئوخشاش پاسوندىكى كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت سۈرىتى تارتىشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە 160تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى بار ئىكەن.

قەشقەرنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قەدىمكى يىپەك يولىدىكى بۇ داڭلىق شەھەر تۆمۈريول ئارقىلىق گۈزەللىكىنى قايتا نامايان قىلىدۇ: قەشقەرنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى جۇڭگودىن ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرققە بارىدىغان ئەڭ قىسقا يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى بولۇپ، يۈك تىرانسپورت مۇساپىسى 900 كىلومېتىر قىسقىراپ، يەتتە- سەككىز كۈن ۋاقىت تېجىلىدۇ. قەشقەردىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ياۋروپاغا بېرىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

ئاۋات چېگرا سودىسى پورتى، گۈرۈلدەپ غەربكە بارىدىغان جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار... شىنجاڭ خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى «ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان، سودا كارۋانلىرى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان» تارىخىي شان- شەرەپنى قايتا نامايان قىلماقتا، پەقەت كولدۇرما ئاۋازىنىڭ ئورنىنى «پولات ئەجدىھا»نىڭ ئۇزاققىچە ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازى ئالدى.

«شىنجاڭ يەنە بىر ئۇلۇغ گۈللىنىش پەيتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە»

«يىپەك يولىنىڭ قايتا گۈللىنىشى» − بۇ ئوكسفورد داشۆسىنىڭ تارىخشۇناسلىق پىروفېسسورى پېتېر فىرانكوپان «يىپەك يولى: بىر يېپيېڭى دۇنيا تارىخى» دېگەن كىتابىدا چىقارغان ھۆكۈم.

بۇ كىتاب نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، مەملىكەت سىرتىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ كىتاب ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن «غەرب مەركەز تەلىماتى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، دىققەت شەرققە مەركەزلەشكەن دۇنيا تارىخىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا بارلىققا كەلگەن سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، دەپ باھا بەردى.

«مەن پېتېر فىرانكوپاننىڭ ھۆكۈمىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن» دېدى ئاۋسترالىيە گرىففىز داشۆسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى ئادىمىيەت پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ماكىلىن. بۇ يىل 6- ئايدا، ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قەشقەرگە جەم بولۇپ، «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» خەلقئارا مۇنبىرىگە قاتناشتى، ماكىلىن يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

ماكىلىن مۇنداق قارىدى: «تارىختىكى يىپەك يولى جۇڭگونى مەركەز قىلغان تارىخى ئۇزاق بىر يول تورى، ئۇ قەشقەردە قوشۇلۇپ بىر غول يولغا ئايلىنىپ، غەربكە قاراپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پارستىن ئۆتۈپ، رىم ۋە غەربكە تۇتىشىدۇ. بۇ يول ئالماشتۇرۇشقا يېتەكچى بولدى، ئۇ، دىن، مەدەنىيەت ۋە تۈرلۈك تاۋارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، قەغەز ياساش تېخنىكىسى يىپەك يولى ئارقىلىق غەربكە تارقالغان، بۇنىڭ غەرب مەدەنىيلىكىگە بولغان مۇھىملىقىنى قانداقلا ئېيتساق ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ».

ئۇ ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: يىپەك يولى يەنىلا غەربتە ھەتتا باشقا جايلاردا ساۋات سۈپىتىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان «ياۋروپا مەركەز تەلىماتى» تارىخ قارىشىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، «رىم ۋە بۇزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. لېكىن، يىپەك يولىنىڭ نامايان قىلغىنى بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ پۈتكۈل تارىختا ئىگىلىگىنىنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا. غەربتىكى نۇرغۇن پادىشاھلىقلار پەقەت كەڭ ياۋروپا − ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى ئاز بىر قىسمىلا ھېسابلىنىدۇ».

تارىخ ھەقىقەتەن شۇنداق: كەڭ كۆلەملىك دېڭىز سەپىرى دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالماشتۇرۇش يولى دەل ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى ئىدى. شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەركىزىي بەلباغ ۋە شەرق − غەرب مەدەنىيلىكى ئالماشتۇرۇلىدىغان، توپلىنىدىغان ئالتۇن يول، خەرىتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزى ئۈرۈمچىدە.

قەدىمكى يىپەك يولى پەقەت يىپەك، فارفۇر بۇيۇملار، چاي، ئۈنچە- مەرۋايىت، چىلان تورۇق... سودىسى قىلىدىغان يولى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش يولى بولدى، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق- سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھى شەكىللەندى، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ قىممەتلىك مىراسى. بۈگۈنكى كۈندە، «ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق كۆزلەپ، يەنە بىر قېتىم مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشنىڭ يادروسى ۋە تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، «ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش»تىن ئىبارەت ئالاقە يولىغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشتى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۈلگىسى.» ئۆزبېكىستانلىق ئالىم مىرزاجىد رەيىموف بۇ يىل 6- ئايدا شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: قەدىمكى دەۋردە، شىنجاڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆۋرۈك ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى شىنجاڭنى تۈگۈنلۈك ئورنىغا قايتۇرۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن يۇقىرى پەن- تېخنىكا، مائارىپ، دىپلوماتىيە ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى پائال كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك».

2023- يىلى، شىنجاڭ ئۆمەك تەشكىللەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە رايوندا زىيارەتتە بولۇشقا ئەۋەتتى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى، پۈتۈن بىر يىلدا زىيارەتكە كەلگەن 390 تۈركۈمدىن ئارتۇق چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمىكى، 4300دىن ئارتۇق كىشى بۇ يەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىدۇ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خېلى كۆپ زات شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئىسپانىيەلىك فېرناندو شىپىتېرىيە شىنجاڭ يىپەك يولى بۈركۈت پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرى، شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلىرى، قىزغىن خەلقى، مول مەززىلىك تائاملىرى... ئۇنىڭدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى؛ تانزانىيەنىڭ زانزىبار ئارىلىدىن كەلگەن ھەدىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگوغا ئوقۇشقا كېلىپ، قەشقەرلىك يىگىت دىلشات تۇرسۇن بىلەن مۇھەببەتلەشتى ھەم توي قىلدى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىر قەھۋەخانا ئاچتى، سودىسى ئىنتايىن ياخشى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ماكىلىننىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ داۋاملاشتۇرغىنى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تىنچلىق روھى بولۇپ، بۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنتايىن قىممەتلىك. ئاۋسترالىيەلىك بۇ ئالىم ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دەپ ئالدىن ھۆكۈم چىقاردى:

«شىنجاڭ يەنە بىر ئۇلۇغ گۈللىنىش پەيتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە!»

شىنجاڭغا مەنسۇپ بولغان دەۋر پايدىسى

خەلقئارا ئاپتوبۇس كىرىپ، سىلىق توختىدى، ئاپتوبۇس ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن، جۇڭگو − قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

بۇ، جۇڭگو چەت ئەل بىلەن قۇرغان تۇنجى خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى بولۇپ، جۇڭگو ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 10 مىڭ خىلغا يېقىن تاۋارلىرى توپلانغان. جۇڭگو − قازاقىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە 3- دۆلەت پۇقرالىرى ۋىزا بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ، پاسپورت ياكى چېگرادىن كىرىش- چىقىش يول خېتى بىلەن ئىككى دۆلەت رايونىغا ئەركىن كىرىپ- چىقىپ كېڭىشەلەيدۇ، سودا قىلالايدۇ، ھەربىر ئادەم كۈنىگە يەنە 8000 يۈەنلىك باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ چىققانلار سانى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %148 ئاشتى.

چەت ئەللىك زاتلار بۇ يەردە جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن- تېخنىكا مەدەنىيىتىنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ، پۇل تۆلەشنى مىسالغا ئالساق، بۇ يەردە چەت ئەل پۇلىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى بار، ۋىيشىن، جىفۇباۋ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، يەنە بانكا بىرلەشمىسى كارتىسى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ــ چەت ئەللىك زاتلار كارتا تارقىتىش مەركىزىدە كارتا بېجىرىپ، تاماق، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش... تۈرلۈك سورۇنلاردا كارتا سۈركىسىلا بولىدۇ.

بۇ خىل قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرە قەدىمكى يىپەك يولى گۈللەنگەن مەزگىلدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان.

«مۇنبەت يەرلەردە ئەسكەرلەر ئىشلەپ تېرىقچىلىق قىلدى، مۇھىم يوللاردا ئۆتەڭ تەسىس قىلىندى. بۇيرۇق، خەۋەرلەر بۇ ئۆتەڭلەر ئارىسىدا توختىماي يەتكۈزۈلدى؛ ھەر كۈنى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بۇ چېگرا رايونغا كېلىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ.» بۇ بىر ئابزاس سۆز «كېيىنكى خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئىنتايىن ئاۋات مەنزىرىسى ئەينەن خاتىرىلەنگەن. 

«كېيىنكى خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»نى فەن يې تۈزگەن، ئۇ پايدىلانغان مۇھىم ماتېرىيال يوقىلىپ كەتكەن «غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دۇر. «غەربىي يۇرت خاتىرىسى» دۆلىتىمىزدىكى غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئەڭ بۇرۇن مەخسۇس خاتىرىلەنگەن مۇھىم ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى بەن يۇڭ.

شىنجاڭنىڭ تارىخىنى قايتا ئەسلىگەندە، «زو زۇڭتاڭغا رەھمەت ئېيتىش» بىلەن بىللە يەنە «بەن يۇڭغا رەھمەت ئېيتىش» كېرەك.

19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىكى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ «دېڭىز مۇداپىئەسى، قورۇل مۇداپىئەسى» تالاش- تارتىشى بولغان ۋاقىتتىن 1700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، شەرقىي خەن سۇلالىسى ئوردىسىدىمۇ بىر قېتىملىق داڭلىق ئوردا مۇنازىرىسى بولغان، باش تېمىسى: غەربىي يۇرتتىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ - يوق؟ دېگەن مەزمۇندا بولدى، «كېيىنكى خەننامە»دە بۇ مەيدان ئوردا مۇنازىرىسى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۈەنچۇنىڭ 6- يىلى (مىلادىيە 119- يىلى) غەربىي يۇرتتا تۇرۇشلۇق خەن سۇلالىسى قوشۇنى شىمالىي ھونلارنىڭ چېشىنىڭ قالدۇق قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن پۈتۈن قوشۇن ھالاك بولغان، بەزى ۋەزىرلەر غەربىي يۇرتنىڭ يولى خەتەرلىك ھەم يىراق، ئەمەلدار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چىقىمى بەك ئېغىر دەپ قارىغان، «يۈمېنگۇەننى تاقاش كېرەك دەپ قاراپ، غەربىي يۇرتتىن ۋاز كەچكەن». بۇ چاغدا بىر قىران يىگىت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەزىرلەر بىلەن بەس- مۇنازىرە قىلغان، ئۇ: غەربىي يۇرت قولدىن كەتسە، خېشى جەزمەن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا «جۇڭگونىڭ چىقىمى 100 مىليارد يۈەن بىلەن توختاپ قالمايدۇ» دېگەن.

بۇ مەلۇماتلىق ئەزىمەت دەل بەن يۇڭ بولۇپ، ئۇ داڭلىق سەركەردە بەن چاۋنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەزىمەتنىڭ بالىسى ئەزىمەت بولدى، كېيىن ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ، بەن يۇڭنىڭ ئالدىن ھۆكۈم قىلغىنىغا تامامەن ئۇيغۇن كەلگەن. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يەنگۇاڭنىڭ 2- يىلى (مىلادىيە 123- يىلى) 4- ئايدا ئوردا ئۇنى غەربىي يۇرت جاڭشىلىقىغا تەيىنلىگەن، ئۇ 500 لەشكەرنى باشلاپ قورۇلدىن چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بەن يۇڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى شەھەر بەگلىكلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان، ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ ھونلارنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلغان، قالدۇقلىرى غەربكە كۆچكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن. 

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى شىنجاڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھۆكۈمەتلەر شىنجاڭنى ھەربىي- مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك بىردەكلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، دۆلەت كۈچى ئاجىزلاشقان، غەربىي يۇرت داۋالغۇپ تۇرغان مەزگىللەردىمۇ، بەن يۇڭ، زو زۇڭتاڭغا ئوخشاش مەلۇماتلىق زاتلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى. 1903- يىلى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۆمۈريولنى ئىلىغىچە تۇتاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، كېيىن تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول زور پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن نامرات، ئاجىز كونا جۇڭگودا، بۇنى قانداقمۇ ئاسان دېگىلى بولسۇن؟ 1949- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندا، بىپايان شىنجاڭدا بىر سۇڭمۇ تۆمۈريول ياسالمىغانىدى.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو قۇدرەت تاپقان يىپەك يولى گۈللەنگەن، جۇڭگو ئاجىزلاشقاندا يىپەك يولى توسۇلۇپ قالغان. تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن باشلانغان يىپەك يولى روھى يېڭى دەۋردە ئۇرغۇدى، دەل مۇشۇنداق دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئاساسىدا، بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدى! 

بۈگۈنكى شىنجاڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى پائال بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مانا بۇ دەۋر پۇرسىتى!

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125