ئەشيا ئوبوروتى راۋانلىشىپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن سودا قىلىشى بارغانسېرى ئاسانلاشتى
10:17:37 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، يازلىق كىيىم- كېچەك لىق بېسىلغان بىر يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى ئوڭۇشلۇق ئۇچۇپ ۋېنگىرىيەگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرا رايون مېھمانخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چېگرا رايون مېھمانخانىسى» دېيىلدى)نىڭ بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى سودا سوممىسىنىڭ 600 مىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوخشاش بىر پەيتتە، چېگرا رايون مېھمانخانىسى «شىنماۋتۇڭ» بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە مەسلىھەت سورىغىلى ۋە رەسمىيەت بېجىرگىلى كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

«بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، چېگرا رايون مېھمانخانىسى بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 22 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى» دېدى چېگرا رايون مېھمانخانىسى بازاردىن سېتىۋېلىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ لى ھاياجانلانغان ھالدا. 

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى گوۋۇيۈەن نۇقتىلىق قوللايدىغان تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى. 2022- يىلى 9- ئايدا، چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرى تەستىقلىنىپ، مەملىكەت بويىچە 6- تۈركۈمدىكى بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، چېگرا رايون مېھمانخانىسىنىڭ بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى سودا سوممىسىدا، ئاسىيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈلۈشى %51.84نى، ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈلۈشى %48.16نى ئىگىلىدى. ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ تۈرى كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئويۇنچۇق، چامادان- سومكا، سولياۋ بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنى قاپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %78.17كە يەتتى.

«كۈچنى تولۇق توپلاپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز.» كىيىم - كېچەك، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تاۋارلار ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېگرا رايون مېھمانخانىسىدىكى تىجارەتچى ۋاڭ لىشيا مۇنداق دېدى: بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى ئارقىلىق، بۇ يىل ئېكسپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ سودا سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ئەشيا ئوبوروتى راۋانلىشىپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن سودا قىلىشى بارغانسېرى ئاسانلاشتى.

چېگرا رايون مېھمانخانىسى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولماقتا، ھەم شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۇنيا بىلەن تېز سۈرئەتتە «سۆزلىشىۋاتقانلىقى»نى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، 2023- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى رەسمىي تەشكىللىنىپ، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، دىققەتنى زامانىۋى سودا ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈگۈن قۇرۇپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالاشقان زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى −

جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزى يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىدى، 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز 250 قېتىم بېرىپ- كېلىپ قاتنىدى، مال مىقدارى تەخمىنەن 208 مىڭ 300 توننا، مال قىممىتى ھەم تۈرتكە بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى تەخمىنەن 6 مىليارد يۈەن بولدى.

TIR خەلقئارا يول تىرانسپورت يىغىلىش مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزنى يولغا سېلىش يېڭى ساھەسى، يېڭى لىنىيەسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىلدى، 7- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىدىن خەلقئارا تاشيولىغا كىرگەن ئاپتوموبىل جەمئىي 620، مال ئېغىرلىقى 12 مىڭ 700 توننا، مال قىممىتى تەخمىنەن 650 مىليون يۈەن بولدى.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى خەلقئارا يولۇچى توشۇش بېكىتى بەرپا قىلىندى، رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ خەلقئارا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى كەسىپ ھالىتىنى تولۇقلاپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كىشىلەر ئېقىمىنى توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت تورى بەرپا قىلىنىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تىجارەت بازىسى بەرپا قىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كەسپى كېڭەيتىلىدۇ، نۆۋەتتە، قەشقەر- موسكۋا پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى خەلقئارا لىنىيەسى ئېچىلدى.

«100 ئامبار، 100 پورت» پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ سودا بازىرى پائال ئېچىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى 52 ئامبار، دۆلەت ئىچىدىكى 112 ئامبارنىڭ ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشى تاماملاندى.

...

«يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.» شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شېن جىنشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «يول ئەشيا ئوبوروتىنى يېتەكلەش، ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىساد- سودىنى يېتەكلەش، ئىقتىساد- سودا كەسىپنى يېتەكلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، پائال تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا بىرلىشىپ كۈچ قوشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125