ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى)نى كۆزىتىش- تەكشۈرۈش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
10:22:21 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى)نى كۆزىتىش- تەكشۈرۈش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، كەسكىن، ئەستايىدىل پوزىتسىيە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى) تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك باغچە رايونى(تەرەققىيات رايونى) پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئوچۇق، ئىجادىي تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى رايون، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا پەرق ساقلانماقتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جايىدا بولماسلىق، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتى پۇختا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. مەسىلە يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۈنۈملۈك تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى) پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ھەم باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرى تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا بىرمۇبىر تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، بىر مەسىلە- بىر مەسىلىدىن ھەل قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئەپلەپ- سەپلەپ تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىش، يۈزەكى تۈزىتىشكە قارىتا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ ۋەزىپىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەلەپنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى) ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق تۈزەش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باغچە رايون(تەرەققىيات رايونى)لىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تىرىكىنى كۈچەيتىپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى)دىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، مەردان مۇقىيىت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125