جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتىش
10:32:33 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا بايان (1)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە يېڭى دەۋر شارائىتىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى».

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ «ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش»تەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىر

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى». 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت مۇزېيىدا «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق جاكارلىدى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان گۇاڭدۇڭنى تاللىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

شۇ چاغدىكى جۇڭگو يېڭى تارىخىي پەيتكە قەدەم قويدى، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالدى − دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، گۈزەل ئارزۇ تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى.

دۆلەت ئىچى- سىرتى مۇھىتىغا نەزەر سېلىپ، پۇرسەت ۋە خىرىسنى كۆزىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق تەكىتلىدى: 

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىر، شۇنداقلا <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق بىر تەدبىر».              

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولۇشتەك مۆجىزىنى ياراتتى. 

كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئاندىن پۈتمەس- تۈگىمەس قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئاندىن ئۆركەشلەپ تۇرغان دەۋر ئېقىمىدا چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئاندىن بۈك- باراقسانلىشىپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك». جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ ۋە قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىپ، كىشىلەرگە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»غا ئېنىق كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى.

ئارقىدىن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى؛ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتقا قۇدرەتلىك ئىدىيە ۋە ھەرىكەت كۈچى قوشتى؛ بىر قاتار ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى...       

2018- يىلى، 11- ئاي، شاڭخەي، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرىنى گۈللىنىش ناملىق گاۋتيېنىڭ تەقلىدىي ھەيدەش سۇپىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يەتكەندە، چەت ئەل رەھبەرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ماختاپ: «بەك تېز ئىكەن!» دېدى.

«تېز» بولۇش بەلكىم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئەڭ بىۋاسىتە يىغىنچاقلاش بولۇشى مۇمكىن.

ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو بارلىققا كەلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان ئىدىيەۋى قاراشتىكى ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى بارلىق ئىللەتلەر قەتئىي تۈگىتىلىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىندى...

ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، گۈزەل جۇڭگو بارلىققا كەلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى. كىشىلەر مول ماددىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرەلەيدىغان، يېشىل تاغلارنى كۆرەلەيدىغان، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىيالايدىغان بولدى...

ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو بارلىققا كەلدى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشتىن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى تۈزۈشكىچە، تاموژنا بېجى ئېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىن چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىشكىچە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمى توختاپ قالمىدى، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى... 

ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، بەختلىك جۇڭگو بارلىققا كەلدى: كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا شەھەر - يېزا ئارىسىدىكى نوپۇسقا دائىر ئىككى مەنبەلىك توسۇق بۇزۇپ تاشلاندى...

ئون نەچچە يىلدا مۇھىم ئۆتكەللەر ھۇجۇم بىلەن ئېلىنىپ، 2000دىن ئارتۇق ئىسلاھات لايىھەسى كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا چېتىلىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىدى. قىممەتلىك نەتىجە قەغىزى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ خەلققە بەخت يارىتىش ئىللىق قەدىمىنى خاتىرىلەپ، «خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىزاھلىدى.

«شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە- جاراڭلىق ئىدى.

نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئېچىۋېتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىدىكى ھاياتىي كۈچ مەنبەسى

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش قىلىشى، ئىسلاھاتنى تۇتۇشى ئەزەلدىن جۇڭگودىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولغان.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى دەسلەپ كۆتۈرۈلگەن چاغ دەل تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتكەن، تېخىمۇ كۆپ «تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەر»نى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك پەيت ئىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى نەچچە ئون يىللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى ھەم ھاللىق سەۋىيە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى «بار بولۇش-  بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا بۇرۇلدى؛ ھەم «تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى» باش قېتىنچىلىقنى ھەل قىلىش، ھەم «يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش» ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى.

دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى».

«بار بولۇش- بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قىچە، يەنە خېلى ئارىلىق بار، بۇ، ئىسلاھات ئارقىلىق «تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق» چەكلىمىسىنى تۈگىتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

«جۇڭگو پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نېگىزىدىن يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىدۇ.» 2014- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قەتئىيلىك بىلەن شۇنداق دېدى.

ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى قوللاپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت كوللېگىيەسى تەسىس قىلىشى، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا پۇقرالار تۇرمۇشىغا سىجىل نەپ يەتكۈزۈش؛ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا رايون بىلەن شەھەر- يېزا ئارىسىدىكى پەرقنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىش...

پاراۋانلىقتىن ھوقۇق- مەنپەئەتكىچە، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن تەرەققىي قىلىشقىچە، ماددىيلىقتىن مەنىۋىلىككىچە، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى، ئوخشاش بولمىغان ياش، ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى كىشىلەر ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن مول نەتىجىلەردىن نەپكە ئېرىشمەكتە. 

تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ خوت يۆتكەش مەزگىلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەخىرسىز مەزگىلى، ئالدىنقى مەزگىللىك قوزغىتىش سىياسىتىنى ھەزىم قىلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئەھۋالغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش، ئېچىۋېتىشتىن ھاياتىي كۈچ ئېلىش كېرەك.

2015- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە داۋاملىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇجەسسەملەنگەن پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئۆزگىرىش باشلاندى. 2017- يىلى 10- ئايدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى» دەپ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىلدى.

ئىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىن باشلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش:

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى بەس- بەستە ئۇرغۇتۇش؛ رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون ئەندىزىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش؛ دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىش...

ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىن خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشقىچە، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشتىن رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالاشقىچە، ئىجادىي ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن كۆلىمى زور مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگىچە...

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى تېز شەكىللەندى، جۇڭگو ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پاراخوتى چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەندە، ئالدى تەرەپ تېخىمۇ بىپايان ۋە كەڭ مۇساپە بولۇپ، دەھشەتلىك دولقۇنمۇ كەم بولمىدى.

پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە دولقۇن تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ، ئادەم تاغنىڭ بېلىگە كەلگەندە يول تېخىمۇ تىكلىشىدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەل ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنلىشىدىغان، ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەرگە يولۇقىدىغان، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان، ئىلگىرىلىمىسە بولمايدىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى چىقىرىپ، «ئاسان، ھەممىنى خۇشال قىلىدىغان ئىسلاھات تاماملىنىپ، ئىشنىڭ ئاسىنى تۈگەپ، ھەل قىلىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلار قالدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئەڭ قىيىن جايدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق جايغا قاراپ ئىلگىرىلەش.

يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل «يۆگىمە ئىشىك» «ئەينەك ئىشىك» «ئايلانما ئىشىك»لەر بۇزۇپ تاشلاندى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ «ئورگانلىشىپ كېتىش، مەمۇرىيلىشىپ كېتىش، ئاقسۆڭەكلىشىپ كېتىش، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدە بولۇپ كېتىش»ى كۈچەپ تۈگىتىلدى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتى ئىسلاھاتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلدى...

يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان جاھىل كېسەللىكنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇلۇشى، چوڭقۇرلاپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر

ياز كۈنى، شەندۇڭ رىجاۋ پورتىدا، 10 مىڭ تونناژلىق يۈك پاراخوتلىرى قاتار تىزىلىپ، پورتنىڭ ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدىغان ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

500 مىليون تونناژ دەرىجىلىك «ئەڭ ياش» پورت، يەرشارى بويىچە قىرغاق بويلاپ ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى تۇنجى تولۇق ئاپتوماتلاشقان يۈك ساندۇقىلىق پىرىستان، يىللىق مال كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 7- ئورۇندا تۇرۇش... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاجايىپ كۈچى بۇ پورتنى جىمجىت، نامسىز ھالەتتىن دولقۇن بېشىدا قەد كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 

بۇ يىل 5- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان ھەم كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىممەت يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك». 

ئەمەلىيەتكە كۆپ قاتناشقانسېرى بىلىش شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، بىلىش چوڭقۇرلاشقانسېرى ئەمەلدە كۆرسىتىش شۇنچە كېڭىيىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىزنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشتا، جەزمەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك −

يازدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى بولۇق ئۆسكەنىدى. «شىمالىي جۇڭگودىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» بەيياڭديەندە ساياھەت پاراخوتلىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. ساياھەتچىلەر ھاياجانلانغان ھالدا شيۇڭئەننى «شەھەر ئىچىدىكى يېشىللىق» ئەمەس، بەلكى «يېشىللىق ئىچىدىكى شەھەر» ئىكەن دېيىشتى. 

پىلانلاپ ئورۇن تاللاشتىن پىلانلاش- قۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل پىلاننى تەپسىلىي تۈزۈپ بەردى.

يەتتە يىلدىن بۇيان، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قەد كۆتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان، مۇھىت سۆيەر شەھەر كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.

يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، ئىسلاھات دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش، يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھە بار، بىزنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماڭغانسېرى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇقىم يولغا قويۇشىمىزغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشتا، جەزمەن ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك −

ئەنخۇي خېفېيدا، 3- ئەۋلاد ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت كومپيۇتېر «بېنيۈەن ۋۇكۇڭ» توردا يۈرۈشتۈرۈلۈپ، كىۋانت كومپيۇتېر ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى؛ سىچۇەن ميەنياڭدا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بۇغدايلىقنى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىدىغان «يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى»غا ئايلىنىپ، ئېتىز پەرۋىشىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى... مۇقەددەس جۇڭگو زېمىنى «يېڭىلىق»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «ئالاھىدىلىك»كە تايىنىپ يىراققا يۈرۈش قىلدى. 

يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشتىن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى سىستېمىلىق بايان قىلىشتىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى تەكىتلەشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ئالدىدا، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.

چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشتا، جەزمەن خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك −  

2024- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەش، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، خەلق ھەممىدىن ئەلا. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، چىقىش نۇقتىسى. 

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىممەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق رايىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ چىقارغاندىلا، ئىسلاھات خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالايدۇ.

ئۇزاق يىللىق بوران - چاپقۇن، چەكسىز داغدام يول. 

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققىلى، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى شان- شەرەپ قۇچقىلى بولىدۇ. 

(مۇخبىرلار خۇ خاۋ، ۋاڭ پېڭ، ۋېن جىڭخۇا، گۇ تيەنچېڭ) 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125