ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇردى
10:39:38 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) يېقىندا، ئاپتونوم رايون 3- تۈركۈمدىكى كەسىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

كەسىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى قوللاش پىلانى 2022- يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەربىر كەسىپكە يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىدىن بىرى سەپلەپ بېرىلىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى سۇپا، ۋاسىتە قىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى بەرپا قىلىنىپ، تۇتاشتۇرۇلۇپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار بايلىقى يۈرۈشتۈرۈلدى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئەڭ زور دەرىجىدە توپلانغان يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى ئاچقۇچلۇق ئورتاق خۇسۇسىيەتلىك تېخنىكا تەتقىقاتى، توپلاشتۇرۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشقا كۈچ قوشتى.

كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، چوڭ- چوڭ تېخنىكا ساھەلىرىنىڭ جايلىشىشى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى ۋە كەسىپلەشتۈرۈش تۈرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ كەسىپ تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، كەسىپ زەنجىرى تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپتە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىگە كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش؛ قوللىنىشچان تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات - قوللىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى پىشىپ يېتىلدۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇش؛ ئىختىساسلىقلارنى، ئاقىللارنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان، ھەمبەھرىلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى قوبۇل قىلىش، توپلاش ۋە يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

تەرتىپ بويىچە بېكىتىلگەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىغا شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى بېرىدۇ، يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇدا ئۈچ يىل قوللاشقا بولىدۇ. قوللاش خىراجىتى ئاساسلىقى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

«كەسىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى قوللاش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ھازىر كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىدىن 19نى قۇرۇشنى قوللاپ، باشلامچى كارخانىلارنى تايانچ قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جياڭ جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ 3- تۈركۈمدىكى كەسىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى قوللاش پىلانى بويىچە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى تەشكىللىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى ئىككى تۈركۈمدە بېكىتىلگەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125