تاش «ئالتۇن»غا ئايلاندۇرۇلۇپ، كۈندە 25 مىڭ پارچە يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى ئىشلەپچىقىرىلدى
12:56:41 2024-07-11 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

خىزمەتچىلەر 7- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرىكمە دېتال سېخىدا يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى ئىشلەپچىقارماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)

 ماتېرىياللارنى ئاپتوماتىك ھالدا تۇتۇپ ئېلىش، ئارقىمۇئارقا كەپشەرلەش، قاتلاش، قاتلاپ پىرېسلاش، رامكىغا قاچىلاش، ئوراپ قاچىلاش... كۈندە تەخمىنەن 25 مىڭ پارچە يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

 شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرىكمە دېتال مەھسۇلات دىرېكتورى ۋېن خاۋ 7- ئاينىڭ 9- كۈنى مۇنداق دېدى: «يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى باتارېيە پارچىسى، EVA (ئېتىلېن- ۋىنىل ئاتسېتات ئالكېن كوپولىمېر) يېلىم پەردىسى، پولات ئەينەك، قوۋزىقى سويۇلمىغان ياغاچ، كەپشەر بەلبېغى، سىلتىسىيلىق يېلىم، سىم ئۇلاش قۇتىسى، رامكىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ ماتېرىيالدىن تەركىب تاپقان، باتارېيە پارچىسى يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالىنىڭ يادرولۇق دېتالى بولۇپ، ئاساسلىقى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ. كارخانا ئىشلەپچىقارغان ھەربىر گۇرۇپپا 590 ۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى مىدۇڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت بازىسىغا قويۇلغان بولۇپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى تەخمىنەن 700 كىلوۋات / سائەتكە يېتىدۇ».

 يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر خىل مەھسۇلات. بۇ كارخانا تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي كەسمىسى، باتارېيە پارچىسى، يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ.ھازىر بۇ شىركەت كىرېمنىيلىق يورۇقلۇق ۋولت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇردى، كىۋارتىس تاشنى يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك ئالاھىدە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يەردە يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ماتېرىيالىغا توغرا نىسبەتتىكى بور، فوسفور، ئارسېن، سۈرمە قاتارلىق ماددىلار قوشۇلغاندىن كېيىن، يەككە كىرىستاللىق پېچقا سېلىنىپ، 1500 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېرىتىلىپ سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، يەنە 50 نەچچە سائەتلىك ھۈنەر- سەنئەت جەريانى ئارقىلىق ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر، ئېغىرلىقى 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

 ئىلگىرى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ياساشتا پەقەت كىۋارتىس تاشتىن «سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي» دېگەن بىر خىل ماددا ئايرىۋېلىناتتى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز ماتېرىيال بولۇپ كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)دا بەرپا قىلغان «كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي- يەككە كىرىستاللىق كەسمىسى- باتارېيە بىرىكمە دېتالى . يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى- يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش» بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى باغچە رايونىدا يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، يەنە ئوشۇقچە كىۋارتىس قۇم خام ماتېرىيالىنى پىششىقلاپ يېڭى يورۇقلۇق ۋولت ئەينەك مەھسۇلاتى قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، بىر پارچە تاشنى «پاكىز سىقىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

 ھازىر كارخانا ئىشلەپچىقارغان N تىپلىق يەككە كىرىستاللىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش ئەينەك بىرىكمە دېتالىنىڭ تېمپېراتۇرا كوئېففىتسېنتى، ئاجىز نۇر ئىقتىدارى، قوش يۈزلۈك نىسبىتى قاتارلىق مۇھىم پارامېتىرلىرى بۇ ساھەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى %22.5كە يېتىدۇ.

 شىركەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا شىركەت ئىشلەپچىقارغان سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، ئورگانىك كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى، باتارېيە بىرىكمە دېتالى قاتارلىق مەھسۇلاتلار تورغا چىقىرىلىپ، رەقەملىك زاۋۇتنىڭ ئاساسىي كۆلىمى شەكىللەندى. كارخانىنىڭ رەقەملىك زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، باشقۇرۇش ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلار قاتارلىق بارلىق ھالقىلار تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنى كونترول قىلىشنى ئىگىلەش كۈچى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، زاۋۇتنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

 شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى كارخانىسى، لۇڭجۈ يېڭى ماتېرىياللار كارخانىسى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت خاس، ئەۋزەل كەسپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاربون ئاساس، كىرېمنىي ئاساس، ئاليۇمىن ئاساس، بىيو ئاساس قاتارلىق ئىلغار قۇرۇلمىلىق ماتېرىيال كەسپى توپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125