شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى
12:55:34 2024-07-11 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

بىر خىزمەتچى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى)

 شەرقىي قىسىم رايونلاردا كەسىپلەر گەۋدىلىك، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان؛ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ بايلىقى مول، ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان يوشۇرۇن كۈچى زور، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىشىشى شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرگە ئايلاندى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) «l+4+N» رايون ھالقىغان ھەمكارلىق سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، مۇكەممەل بولغان رايون ھالقىغان ماسلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى، بىر تۈركۈم پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كىرگۈزۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشنى، بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

 سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى يېشىل ياسىمىچىلىقنى ئالغا سىلجىتتى

 7- ئاينىڭ 9- كۈنى شىنجاڭ جۇڭسەي تۇرۇبا يولى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جۇڭسەي تۇرۇبا يولى دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 100گە يېقىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە زاكاز قىلىنغان ئائىلە بېزەكچىلىكى PPR تۇرۇبا ماتېرىيالى، شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا ماتېرىيالى، PE بۇرمىسىمان تۇرۇبا ماتېرىيالى، PERT پول ئاستى پار تۇرۇبىسى ماتېرىيالى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى.

 جۇڭگو جۇڭسەي تۇرۇبا يولى پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ھازىر تۇرۇبا يولى خام ماتېرىيالىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، بۇ كارخانا ئەنخۇي يىنيۈەن مۇھىت ئاسراش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتقان تۈر بولۇپ، ئاساسلىقى مىكرو شارچە ماتېرىيالى ئەمەلىي تەتقىقاتىغا ماسلىشىپ قانات يايدۇرۇلغان تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىدى.

 بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ لۇلياڭ بىر يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئەنخۇي يىنيۈەن مۇھىت ئاسراش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن نانومېتىر دەرىجىلىك كىرېمنىي- ئاليۇمىن كاۋاك مىكرو شارچە ماتېرىيالى بىلەن ئادەتتىكى دەرىجىلىك مىكرو شارچە ماتېرىيالىنى كارخانىمىزنىڭ ئەسلىدىكى تىتان ئېقى پاراشوكىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتۇق. مىكرو شارچە ماتېرىيالى ئاساسلىقى داشقالدىن ئايرىۋېلىنىدىغان خام ماتېرىيال، بىرقەدەر مۇھىت ئاسرايدۇ، مېخانىكىلىق ئىقتىدارنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، ھازىر بۇ تۈر ئارىلىقتىكى سىناق باسقۇچىغا كىردى.

 ليۇ لۇلياڭ مۇنداق دېدى: «كارخانىمىز بۇ يىل شەھەر مەمۇرىيىتى ۋە ئائىلە بېزەكچىلىكى ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى پىلانلىدى».

 پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

 1958- يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ بالدۇر يېنىك، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال لىتىي رۇبىدىي سېزىينى تاۋلاش، ئانالىز قىلىش، يېڭى ماتېرىياللارنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى قانات يايدۇرغان كەسپىي پەن تەتقىقات- ئىشلەپچىقىرىش ئورنى. 2021- يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىقى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ تەتقىقات ئورنى ئارقا- ئارقىدىن تەتقىقات تېمىسىدىن 29نى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 تۈر شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى- ئورۇنلىرى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان ھەمكارلىق تۈرى.

 شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنى پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى- ئورۇنلىرى شىنجاڭنى ئالدى بىلەن ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن قوللىدى، چۈنكى شىنجاڭدا يۇقىرى قاتلاملىق پەن تەتقىقات خادىملىرى، بولۇپمۇ پەن تەتقىقات باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى بىرقەدەر كەمچىل، شۇڭا بۇ رايون شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى يۇقىرى قاتلاملىق پىروفېسسور ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇناسىپ قوللىشىغا موھتاج.

 2020- يىلى 9- ئايدا ئەينى چاغدا بېيجىڭ پەن- تېخنىكا داشۆسى يېڭى ماتېرىيال تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ليۇ بو تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ مۇئاۋىن باشلىق بولدى، ئۇ ئاساسلىقى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تىك يۆنىلىشلىك تۈرلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى. بۇ مەزگىلدە ليۇ بو شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال كەسپىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە قىيىن مەسىلىلەر مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى.

 ليۇ بو تەتقىقات ئورنىدا «ئېكولوگىيە- مۇھىت ماتېرىياللىرى تەجرىبىخانىسى» قۇردى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ داشۆ، بېيجىڭ پەن- تېخنىكا داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، «رەڭلىك مېتال ئىككىلەمچى بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى» قۇرۇپ، ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىپ، مىسنى سوۋۇتقاندا چىققان داشقال، ئېلېكتىرولىزلانغان مانگان داشقىلى، بېرىللىي تاۋلاشتا چىققان داشقال قاتارلىق قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا مېتاللۇرگىيە قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشتىكى قوللىنىشچان تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى.

 2021- يىلى 8- ئايدا، ليۇ بو تۇنجى تاماملىغۇچى بولۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە «مېتاللۇرگىيە قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىشتىكى قوللىنىشچان تېخنىكا ۋە ئۇنى قوللىنىش» جۇڭگو رەڭلىك مېتال سانائىتى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن نەتىجە باھالاشتىن ئۆتۈپ، «بىر پۈتۈن تېخنىكىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن» دەپ باھالاندى.

 «بىزنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز كان تاللاش، مېتاللۇرگىيە ۋە يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». دۇڭ لى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشىغا، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنى يېشىل كانچىلىق ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى كەسىپ توپى جەھەتتە پەن تەتقىقات كۈچىنى سىجىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ تېخنىكىسىنى ئېچىش جەھەتتە بۇ يىل ئۈچ ئارىلىقتىكى سىناق سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى زورايتىدۇ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى- يۇرتى ۋە كارخانىلار ئارىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنى يەنە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئۇنىۋېرسال يىغىۋېلىش، يۇقىرى ساپلىقتىكى لىتىي، بېرىللىي، تورىي، سېزىي بىرىكمىلىرىنى تەييارلاش، يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتاللارنى ئىنچىكە پىششىقلاش، يۇقىرى ساپلىقتىكى لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ماتېرىياللىرىنى ئارىلىقتىكى سىناق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە مېتال كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، تېخىمۇ كۆپ قېزىلما بايلىقنى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولدى.

 ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلدى

 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش، غەربىي قىسىمنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت تارماقلىرى مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

 ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى جەمئىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، «پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش (ئۈرۈمچى) بازىسى»نى قۇرۇپ، 90دىن ئارتۇق كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ئامبىرىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە چوڭ- چوڭ تۈرلەر، شۇنداقلا «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈم پەن- تېخنىكىدا باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدا يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پەن- تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن پېڭ مۇنداق دېدى: بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» كارخانىلارنىڭ سانى سىجىل ئاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئىچىدە كىچىك كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ دەرىجىسى كۆلەملىك كارخانىلارغا ئۆستۈرۈلدى، شۇنىڭدەك كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆستۈرۈلدى، تېخىمۇ كۆپ كارخانا پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ ئومۇمىي سانى 76گە يەتتى، كارخانىلار ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلغان پەن تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى تەخمىنەن 2 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 146گە، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 190گە يېتىپ، شەھەر بويىچە تەخمىنەن %30نى ئىگىلىدى، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا بەش يىل %15تىن يۇقىرى بولدى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يەنە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، رايون ھالقىغان 13 ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش تۈر ئېھتىياجىنى توپلىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت تۈر ھەمكارلىقى ئۇسۇلى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر- سەنئەتكە ئىگە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

 چېن پېڭ مۇنداق دېدى: ئەمدى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورنى- يۇرتى ۋە كارخانىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي قىسىم رايون، ھەتتا خەلقئارادىكى يۇقىرى قاتلام دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى خىزمەتكە جەلپ قىلىمىز. بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تەمىنلەش زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ غەربىي قىسىمدا قوللىنىلىشى ۋە كەسىپلەشتۈرۈلۈشىنى تېزلىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125