كىرېدىت تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
17:17:24 2024-07-11
شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كىرېدىت تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇردى. بۇ يىل 39 مىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىنى قەرز بىلەن قوللىدى، قەرز قالدۇقى 533 مىليارد 763 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقى ئۈنۈملۈك پەسەيدى.
مەسئۇل مۇھەررىر:
孜呼玛尔·阿不都卡德