«ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشتى
18:27:34 2024-07-12 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 7- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 11:00دە، ئۈرۈمچى بوۋەن ئاقىل شەھەر يۈرۈش ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ئاقىل تىجارەت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا، بىر قىزىل قوڭغۇراق بەلگىسى توختىماي يېنىپ تۇراتتى.

 بۇ سۇپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭيىڭ بۇ بەلگىنى چەككەندە، ئۇنىڭدا ئەمگەك كوچىسى ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدە ئەخلەت ساندۇقىنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

 ھازىر بۇ شىركەت 115 ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە سېنزور ۋە تېلېكامېرا ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، ئەخلەت ساندۇقىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەپ تۇرىدۇ. ئەخلەت ساندۇقىغا ئەخلەت توشقاندا، سىگنال بېرىش ئىقتىدارى قوزغىلىدۇ.

 ليۇ خۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: «بىز سۇپا ئارقىلىق ئىش تالونىنى يېقىن ئەتراپتىكى تازىلىق ئەترىتىنىڭ باشلىقىغا تارقىتىپ بېرىمىز، ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئاندىن مەخسۇس ئادەم بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ ۋە ئىنكاس قايتۇرىدۇ».

 ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىنىڭ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھەرچىسى تۈرى بولغان ئۈرۈمچى بوۋەن ئاقىل شەھەر يۈرۈش ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى جەمئىي 136 كونا ئولتۇراق رايون، 256 يول، 583 ئەخلەت تۆكۈش ئورنى، 18 ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئىككى ئەخلەت پونكىتىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ. بۇ سۇپا ئوخشاش يۈرۈش ۋە تىجارەت باشقۇرۇش ئۆلچىمى ئارقىلىق مەسىلە، ۋەقەلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە شەھەرنىڭ «كىچىك مېڭىسى» سۈپىتىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ تەدبىر بەلگىلەيدىغان شەھەر «چوڭ مېڭىسى» بىلەن تۇتىشىپ، «تور + تور سىرتى»دا تىجارەت يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە ئىدارە قىلىش ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

 ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەر ئاپتوماتىك سىگنال بەرگەندىن باشقا، شىركەتنىڭ تۆت «شەھەر باشقۇرغۇچىسى» ھەر كۈنى چارلاپ تەكشۈرىدۇ.

 7- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 9:00دا «شەھەر باشقۇرغۇچى» لى يۇڭفېڭ ۋە ئۇنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمراھى» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر چارلاش ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى جەنۇبىي نەنخۇ يولى، شىمالىي نەنخۇ يولى ۋە شىنمىن يولى كوچا باشقارمىلىرىغا تەۋە دائىرىنى چارلاشقا باشلىدى. بۇ AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر چارلاش ئاپتوموبىلىغا پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك بۇلۇت سۇپىسى، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان ئېكران قاتارلىق كەسپىي ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، 360 گىرادۇس ئايلىنىپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قاتارلىق ھەممە يەرنى چارلىيالايدۇ.

 بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بىلەن چارلاشقا سېلىشتۇرغاندا، AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر چارلاش ئاپتوموبىلى چارلاش ئۈنۈمىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇلازىمىتىمىزدە تەجرىبە ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش تىپىدىن رەقەملىك تەھلىل قىلىش تىپىغا، پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش تىپىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش تىپىغا ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

 ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆي- جاي مۇلازىمىتى سۈپىتى بىرقەدەر ناچار 85 ئولتۇراق رايوننى بىرتۇتاش كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى ئىككى «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» تىجارەت كارخانىسى ئالتە كوچا باشقارمىسى، 151 ئۆي- جاي باشقۇرغۇچىسى يوق ئولتۇراق رايوننى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدا «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى»دىكى 190 تۈردە ئادەم، ماشىنا ۋە مەنزىرىنى «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش» شەكىللەندى... مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى 426 كونا ئولتۇراق رايونغا «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» تىجارەت كارخانىسى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىكەن.

 «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى باشقۇرغۇچىسى»دىن «شەھەر باشقۇرغۇچىسى»غا ئايلىنىش، ئولتۇراق رايون مۇلازىمىتىدىن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يۈزلىنىش، ئەمگەك كۆجۈملىشىشتىن ئاقىل ئۆي- جاي مۇلازىمىتىگە يۈزلىنىش، «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى»دىن ئىبارەت بۇ ئەندىزە كارخانىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.

 پاكىز، رەتلىك يوللار، بۈك- باراقسان دەل- دەرەخلەر، تەرتىپلىك توختىتىلغان ئاپتوموبىللار... ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندە، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە ياشانغانلار شاھمات، قارتا ئويناۋاتاتتى، بالىلار ئويناپ يۈرەتتى، بىر نەچچەيلەن چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتاتتى. ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ جۇڭخەي ئۆي- جاي باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى باشلامچى بولۇپ، ئولتۇراق رايونغا كەينى- كەينىدىن ھەمبەھرە ئىچىملىك سۇ ئەسلىھەسى، تېز يوللانما ئىشكاپى، توكلىغۇچ، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورناتتى.

 ئاھالە ليۇ گۇيخۇا مۇنداق دېدى: «يېڭى ئۆي- جاي مۇلازىمەت شىركىتى كەلگەندىن كېيىن، كارىدور ناھايىتى پاكىز تازىلىنىدىغان بولدى، ئۆيدىكى توك يوللىرىدا كاشىلا كۆرۈلسە، تېلېفون بەرسەكلا ئۆي- جاي مۇلازىمەت خادىملىرى ناھايىتى تېزلا كېلىپ ئوڭشاپ بېرىدۇ».

 ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» تۈرى بولغان شىنجاڭ جۇڭخەي ئۆي- جاي باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى دوستلۇق يولى تەۋەلىك رايونىدىكى 55 كونا ئولتۇراق رايون، 36 كوچا باشقارمىسى، 210 ئەخلەت تاشلاش نۇقتىسى، ئالتە ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى، ئالتە يەر ئاستى يولى ۋە ئۈچ پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكى، 40 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق يېشىللىققا قارىتا كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

 شىنجاڭ جۇڭخەي ئۆي- جاي مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شۈ پېڭ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ كىچىك- كىچىك ئېھتىياجلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرغاندىلا، مۇلازىمەتنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. بىز بىرتۇتاش ئۆلچەم بويىچە مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ئوخشاش بولمىغان ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا خاس مۇلازىمەت تىزىملىكى تۈزۈپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ توغرا بولغان ئۆي- جاي مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق. ئاپتوموبىل كۆپ، بوش يەر بار ئولتۇراق رايونلارغا ئامال بار يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلىغۇچ ئورناتتۇق. ئولتۇراق رايوندىكى ياشانغانلار كۆپ بولۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ خاس مۇلازىمەت تىزىملىكىنى تۈزۈپ، دائىملىق مۇلازىمەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزگەرتىش جەريانىدا ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش پونكىتى قۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىپ، مۇلازىمەتنى ئورتاق تۇتۇپ، زىددىيەتنى ئورتاق باشقۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ھالدا مۈلۈك ئىگىلىرىنى كۈتۈۋېلىش كۈنى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئېھتىياج تىزىملىكى»نى توپلاپ ۋە ئىگىلەپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق.

 ئۈرۈمچى شەھىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، بەزى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ يەنە يېڭىدىن ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى يوق ئولتۇراق رايونغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە، مۈلۈك ئىگىسى كومىتېتى، ئۆي- جاي مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى.

 شىنجاڭ داشۆ سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئارقا- ئارقىدىن ئۈرۈمچى «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» تۈرىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شىنجاڭ داشۆ سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي مۇئاۋىن باشلىقى، دوتسېنت لى جىجيې مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شەھىرى» ئارقىلىق شەھەر ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، «كەسپىي مۇلازىمەت + ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن سۇپا + مەمۇرىي كۈچ»نى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت، بازار ۋە جەمئىيەتتىكى كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي گەۋدىلەرنى تۇتاشتۇردى، «ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان» يېڭىچە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، ھەر كىم ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماس قەدەمدە ئىدارە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، شەھەرنى تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. مەكتەپمۇ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دائىملىق ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ تىرەكلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشنى پۇختا نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئارزۇلارنى بېغىشلاۋاتىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈنيۈەن خەۋىرى )

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125