ئۈرۈمچى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى «چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى بويىچە مۇنەۋۋەر باغچە رايونى» دېگەن نامغا ئېرىشتى
12:39:23 2024-07-16 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا سۇجوۋ يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى باش تېما پائالىيىتى ۋە 25- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى تور يىللىق يىغىنىدا ئۈرۈمچى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى «چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى بويىچە مۇنەۋۋەر باغچە رايونى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بولۇپ قالدى.

 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئۈرۈمچى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىنىڭ بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت زالىدا يېڭىدىن ماكانلاشقان كارخانا شىنجاڭ توپۇ يوۋچۇاڭ مائارىپ مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خې يۇڭچېڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن مەسلىھەت سورىدى. بۇ يىل رۇسىيەدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان خې يۇڭچېڭ ئىگىلىك تىكلەپ مائارىپتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى، سەنئەت تۈرى بويىچە مەسلىھەت بېرىش، باھالاش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كارخانىنى قۇرغانىدى.

 ئۈرۈمچى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى 2002- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1993- يىلى قۇرۇلغان ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن «ئىككى ۋىۋىسكا، بىر يۈرۈش بەنزە» مەشغۇلات ئۇسۇلىنى يولغا قويغان.

 ئۈرۈمچى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەپ قۇرغان كارخانىدىن 139نى يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەپ قۇرغان كارخانىلارنى ئەڭ كۆپ يېتىشتۈرگەن ئىگىلىك تىكلەش بازىسى بولۇپ قالدى. باغچە رايونى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى تەرىپىدىن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش پىراكتىكا بازىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش پىراكتىكا بازىسى، دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، جۇڭگو چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ بېكىتىلدى.

 باغچە رايونىدىكى كارخانا شىنجاڭ بۇداۋۋېڭ ئۇچۇر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىمۇ چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەپ قۇرغان كارخانا بولۇپ، يۇمشاق دېتال ئېچىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كارخانا ھازىر خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۆزىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىنى قۇرۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزى (ئۈرۈمچى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى) كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل باغچە رايونىمىز ماكانلىشىشنى باشقۇرۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئەسلىدىكى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلىگەندە كۆلىمى 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئالسا، ئىجارىسىنى ئۈچ يىل كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئالسا، ئىجارىسىنى ئۈچ يىل كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا ئۆزگەرتتى؛ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتا، ئەسلىدىكى 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئالسا، ئىجارىسىنى ئۈچ يىل كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئالسا، ئىجارىسىنى ئۈچ يىل كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا ئۆزگەرتتى. باغچە رايونىمىز كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەپ قۇرغان كارخانىلارنى قانۇن ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىق ئالاقىدار بىر قىسىم ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125