2023- يىلى 11- ئايدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۇ يىل 7- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە شىنجاڭ «تىيانشان» ناملىق كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتتىكى ماركىلىق نۆۋەتچى پويىز (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <تىيانشان> ناملىق نۆۋەتچى پويىز دېيىلىدۇ) 300 قېتىم يولغا سېلىنىپ، جەمئىي 14 مىڭ 303 گۇرۇپپا ۋاگوندا تەخمىنەن 252 مىڭ 400 توننا مال توشۇلدى. بۇ، مۇخبىرنىڭ 7- ئاينىڭ 9- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى.
شۇ كۈنى شىنجاڭ خۇڭيۈندا خەلقئارا مال توشۇش ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ چيەنچيەن قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى توشۇلىدىغان 18 يۈك ساندۇقىدىكى مالنى بېكىتتى، بۇ بىر تۈركۈم ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ماللار پات ئارىدا قازاقىستانغا توشۇلىدۇ.
جاڭ چيەنچيەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھەر كۈنى «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق توشۇلىدىغان ماللىرىمىز بار، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 200 يۈك ساندۇقىدا مال توشۇلىدۇ. كارخانىمىز قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھىنىڭ تور سۇپىسىدا ۋاگون زاكاز قىلغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىزگە ياردەملىشىپ، ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، پويىزغا بېسىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى تاماملاپ بېرىدۇ.
نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى «يېڭى ئاقىل پورت» سۇپىسى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ۋاگون زاكاز قىلىپ مال توشۇشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ ھەر ئايلىق يولغا چىقىش قېتىم سانى، توشۇش لىنىيەسى، مال تارقىتىش- توشۇش يۈزلىنىشى، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا سوممىسىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىكى يۈزلىنىشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولغا چىقىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىمەكتە.
مەسىلەن: نۆۋەتتە «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىزدا توشۇلۇۋاتقان مال تۈرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، پولىئېستېر ياپراقچىسى، سانائەت ماشىنىلىرى زاپچاسلىرى قاتارلىقلار. مال توشۇش مەنزىللىرىنىڭ رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى قازاقىستاندىكى ئاتېنكورى، ئالمۇتا، ئۆزبېكىستاندىكى تاشكەنت قاتارلىق جايلار.
شىنجاڭ خۇڭيۈندا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىز خېرىدارلىرىنىڭ جەمئىي بۆلمە زاكاز قىلىش رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇردى. جاڭ چيەنچيەن مۇنداق دېدى: «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، توشۇلىدىغان مال تۈرلىرىمىز تېخىمۇ مۇقىم بولدى، توشۇش ۋاقىت چېكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. ھازىر كارخانىمىزنىڭ خېرىدارلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، مال تارقىتىش مىقدارىنى «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىز قاتنىغاندىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەسسىلەپ ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى، باش دىرېكتور لى گاڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى ئەشيا ئوبوروتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ماللارنى ئۈرۈمچىگە يىغدى ھەم تېز كىرگۈزۈپ، تېز چىقاردى. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش قېتىم سانىنى ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن تەدرىجىي ھەپتىدە سەككىز قېتىمغا كۆپەيتىپ، ئۇنى «كۈندە قاتنايدىغان» دائىملىق پويىزغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى)