ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، 2- نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل تاشيول خىزمەتچىلىرى» تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن ئىككى شەخس، ئىككى كوللېكتىپ تىزىملىككە كىردى. ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا: بىڭتۇەن تاشيول پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۈ لېي، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى (چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا تاشيولى باش يول باشلىقى) رېھىمجان كېرەم، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈر ئىجرا قىلىش 2- باشقارمىسى G219- لىنىيە تونېلى 2- تۈرى قوماندانلىق ئىشتابى، بىڭتۇەن 2- شىسى تيېمېنگۇەن شەھىرى قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ «تىيانشان ئېتىكىدىكى ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار» كوللېكتىپى.
چۈ لېي بىڭتۇەن تاشيول پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تاشيولنى يېشىل ئاسراش، ئاقىل تەكشۈرۈش تەتقىقات مەركىزىدە تەجرىبە ئىشلىمەكتە. سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ بىڭتۇەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى
چۈ لېي تاشيول پەن- تېخنىكىسى تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن 20 يىلغا يېقىن شۇغۇللىنىپ، دۆلەت، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، بىڭتۇەننىڭ بولۇپ 30دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات تېمىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئاسفالت يول يۈزىنى يېشىل ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى نورمال ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا قۇرۇلۇش قىلىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتى ھەم ئۇنى قۇرۇلۇشتا قوللىنىش» تۈرىنىڭ نەتىجىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن، چۈ لېي ھەم ئۇنىڭ كوللېكتىپى پەن تەتقىقات تۈرى ئارقىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىياللارنى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى، يول ئاسراشتا قوللىنىپ، بىر قەدەر ياخشى ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىگە ۋە كېڭەيتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.
رېھىمجان كېرەم. سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو تاشيول تورى
رېھىمجان كېرەم چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا تاشيولى باش يول باشلىقى ۋە ناھىيە يولى باشلىقى بولغاندىن بۇيان، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى كۈچەيتىشنى قۇرۇلۇش نىشانى قىلىپ، دىققەتنى قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يول باشقۇرۇش، ئاسراش كاپالىتى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا تاشيول ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى قۇرۇلۇشى تەدرىجىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى.
G219 لىنىيەسى تونېلى 2- تۈرى قوماندانلىق ئىشتابى. سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو تاشيول تورى
G219 لىنىيەسى تونېلى 2- تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىدىغان مەيدانى دېڭىز يۈزىدىن 4969 مېتىر ئېگىز بولۇپ، مۇھىتى جاپالىق، تور سىگنالى راۋان ئەمەس. قوماندانلىق ئىشتابى «بىخەتەرلىك جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى» تەسىس قىلىپ، 1- سەپتىكى ئىشچىلارنى تەربىيەلەشنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26 ئاشۇردى، ئىشچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن 18نى دوكلات قىلدى، مۇۋاپىق تەكلىپتىن 26نى ئوتتۇرىغا قويدى. 2023- يىلى 5- ئايدا، ئېگىزلىك تونېلى توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا توك يەتكۈزۈلۈپ، ئېگىزلىكتە تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭ دىزېل گېنېراتورىغا تايىنىپ خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۇ تۈردە ماشىنىلاشقان قۇرۇلۇش قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېگىزلىكتە قۇرۇلۇش قىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
بىڭتۇەن 2- شىسى تيېمېنگۇەن شەھىرى قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى «تىيانشان ئېتىكىدىكى ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار» كوللېكتىپىنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپات گۇۋاھنامىسى. سۈرەت مەنبەسى: تيېمېنگۇەن تورى
بىڭتۇەن 2- شىسى تيېمېنگۇەن شەھىرى قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى «تىيانشان ئېتىكىدىكى ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار» كوللېكتىپى قۇملۇق قاتارلىق ناچار شارائىتلارنىڭ جاپاسىنى يېڭىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن كۆپ قېتىم قول تۇتۇشۇپ، كورلا- تيېمېنگۇەن يولى، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى، خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولى، 38- تۇەن نەنتۈن ۋوگزالى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، بىر قاتار قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە بەخت يوللىرىنى ئېچىپ بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ۋە ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
(جۇڭگو تاشيول تورى، بىڭتۇەن گېزىتى، شىنجاڭ بىڭتۇەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، تيېمېنگۇەن تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن ئومۇملاشتۇرۇلغان)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)