شىنجاڭنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن بەدىئىي گۈزەللىك
18:46:34 2024-07-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرى

بەزىدە بىر خىل تەمدىن ھوزۇرلاندۇرۇپلا قالماي

يەنە گۈزەللىكتىن بەھىرلەندۈرىدۇ

ئۆزىگە خاس  يېمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇلىغا 

كۆپ مەنبەلىك مىللەتلەر سەنئىتى يۇغۇرۇلغان بولۇپ

ھەممىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى

ۋە ئېسىل نازۇنېمەتلەرگە بولغان ئۆزگىچە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ

شىنجاڭنىڭ بۇ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنىڭ 

زادى ئېسىل نازۇنېمەت ياكى سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى

سىممېترىك سەنئەت

ئۈچ قاتار تىزىلغان توققۇز چىنە قورۇما

ھەر خىل قورۇمىلار چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش توققۇز چىنىگە ئۇسۇلىدۇ

ھەم كىۋادرات شەكلىدە ئۈچ چىنىدىن ئۈچ رەت تىزىلىدۇ

مەيلى ياندىن ياكى ئۇدۇلدىن قارىغاندا ھەممىسى ئۈچ رەت كۆرۈنىدۇ

شۇڭا ئۈچ قاتار تىزىلغان توققۇز چىنە قورۇما دەپ ئاتالغان

«ئۈچ قاتار تىزىلغان توققۇز چىنە قورۇما»غا كۆپ ھاللاردا كالا، قوي، توخۇ، بېلىق گۆشى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنىدۇ، ئەڭ خاسلىققا ئىگە قورۇمىلاردىن ۋەنزە، مېنزى، جۈەنليەنزە، جياسا، خۇاڭمېنرۇ قاتارلىقلار بار، قورۇمىنى ئۈستەلگە چىقىرىشنىڭمۇ ئالاھىدە قائىدىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قورۇما ئۇسۇلىدىغان قاچىلارنىڭمۇ نەپىس بولۇشى ھەم قورۇمىلارنىڭ رەڭگى كۆركەم، خۇش پۇراق بولۇشى، قارىسىلا ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرالايدىغان بولۇشى تەكىتلىنىدۇ.

زىچلىق سەنئىتى

سامسا

تونۇرنىڭ ئىچىدىكى 380 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا

ھەر بىر سامسىنىڭ يۈزىنى مۇكەممەل ياي شەكلىگە كىرگۈزىدۇ

دەسلەپتە تونۇر ئىچىگە خالىغانچە يېقىپ قويغاندەك كۆرۈنسىمۇ

پىشقاندىن كېيىن شۇنداق رەتلىك، زىچ كۆرۈنۈپ

ئادەمنى ئىختىيارسىز راھەتلەندۈرىدۇ

يۇمشاق بويۇن گۆشىدىن تارالغان خۇش پۇراق ئادەمنىڭ نەپسىنى چىدىغۇسىز تاقىلدىتىۋېتىدۇ

جىلت بىلەن مەھكەم تۈگۈلگەن قىيمىدىن كۆڭۈلگەن تەگمەيدىغان گۆشنىڭ خۇش پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، 

بىر چىشلەم چىشلىسىڭىز ئىشتىھايىڭىز بىراقلا ئېچىلىپ كېتىدۇ.

رەڭ تەڭشەش سەنئىتى

نان 

ئەگەر شىنجاڭ ئۈچۈن بىر پارچە نام كارتىسى بېكىتمەكچى بولسا

رىقابەت كۈچىگە ئەڭ يۇقىرى بولىدىغىنى سۆزسىزكى نان بولىدۇ 

مەيلى پىياز نان بولسۇن، ياكى كۈنجۈت نان بولسۇن

ھەممىسىنىڭ بىر خىل چىقىدىغان رەڭگى

سىزنى جەزمەن بىرنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىدۇ

ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا

بىر ناننى پۈتۈن پېتى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش شۇنداق تەس

شىنجاڭدا، ناننىڭ ئۆزىنى شۇنداقلا يېگەندىن باشقا، يەنە كۆپ خىل يېيىش ئۇسۇلى بار، ئەتكەن چايغا چىلاپ، ئارىسىغا كاۋاپ ئېلىپ، چاۋمىفېنگە تۈگۈرۈپ يېيىشكە بولىدۇ...

ئىشقىلىپ، قانداق يېگۈڭىز كەلسە، شۇنداق يېسىڭىز بولىدۇ

دەستىلەپ تىزىش سەنئىتى

ساڭزا

ئېشىپ بولغان پىلتىنى يىپ يۆگىگەندەك چوكىغا نەچچە قۇر يۆگەپ، قازاندىكى مايغا سېلىپ سارغايغاندا ئېلىۋالسىلا بولىدۇ.

قارىماققا بىر پۈتۈندەك كۆرۈنگەن ساڭزا ئەمەلىيەتتە مايدا بىر قېتىمدىلا پىشۇرۇلغان بولماستىن، بەلكى مايدا ئايرىم- ئايرىم پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، لىگەنگە بىر قەۋەت- بىر قەۋەتتىن ئېگىز كونۇس شەكلىدە تىزىلىدۇ، يىراقتىن قارىسىڭىز ساڭزا مۇنارىغا ئوخشايدۇ.

ئالتۇن سىم ھالقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالتۇندەك پارقىراق ساڭزا قەۋەت- قەۋەت دەستىلىنىدۇ، يېنىك، كۆركەم، چوكا ئالتۇننى يۆگەپ قويۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇنداقلا كەھرىۋادىن ياسالغان ھەيكەلگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنداق چۈرۈك، ئاغزىڭىزغا تەگدىمۇ بولدى، ئۆزىڭىزنى توختىتالماي قالىسىز.

جىپسىلاشتۇرۇش سەنئىتى

سوقماق

سوقماق شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ- ئادىتى مۇجەسسەملەنگەن تاتلىق يېمەكلىكى. 90 كىلوگىرام ئۈزۈم شىرنىسىنى 115 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھارارەتتە تۆت سائەت قاينىتىپ، قويۇلدۇرۇپ 30 كىلوگىرام شېكەر قىيامى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن قاقلاپ قۇرۇتۇلغان ياڭاق مېغىزى ۋە باشقا قۇرۇق مېۋىلەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئىسسىق ۋاقتىدا كېسىپ تەييارلىنىدۇ، نۇرغۇن تورداش بۇ خىل يېمەكلىكنى سەمىمىي ھالدا «كەسمە تورت» دەپ ئاتايدۇ.

سوقماققا ياڭاق، نومى گۈرۈچى، قۇرۇق ئۈزۈم، بادام، چىلان قاتارلىق كۆپ ئوزۇقلۇق ئامىللىرى سىڭدۈرۈلگەن، تەمى ئۆزگىچە، تاتلىق، ئەمما كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، يەنە ئېچىرقاش تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ، ئىستىراھەت ئۇششاق يېمەكلىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك دېيىشكە بولىدۇ. 

شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىسىدە

كۆپ مەنبەلىك مەەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ، ئالماشتۇرۇلۇپ

ھازىر يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى

ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ

شىنجاڭنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلەر مەدەنىيىتىمۇ يەنە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزگىرىۋاتىدۇ

ئەگەر سىز شىنجاڭغا كەلسىڭىز

يەنە كېلىپ سەنئەت ھەۋەسكارى بولسىڭىز

شىنجاڭنىڭ ھەم يېيىشلىك ھەم كۆركەم بۇ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى

چوقۇم چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بېقىڭ

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125