تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى
22:27:17 2024-07-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

چېن مىنئېر، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، يۈ يۈنلىن، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 7- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تيەنجىن بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ يۈنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يۇلتۇزى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىش، كەسىپتە ھەمكارلىشىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ يامالىق تېغىغا چىقىپ ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈردى. خوتەن ۋىلايىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەنجىن سانائەت باغچە رايونىغا كېلىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە جەلپ قىلىنغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى؛ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى؛ چىرا ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كىرىپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈردى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە بىڭتۇەن 11- شىسىگە ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئائىلىسىگە بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

7- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار تيەنجىن شەھىرىنىڭ بىڭتۇەن 11- شىغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئائىلىسىگە بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 7- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى جاي ئۈرۈمچىدە تيەنجىن شەھىرى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمەت پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. چېن مىنئېر تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تيەنجىننىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا، تيەنجىندىن ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جان تىكىپ كۈرەش قىلدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ قېتىم تيەنجىن شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىش، ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چۈشىنىش، ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چۈشىنىش، ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قەتئىي تۈردە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەيمىز. كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شۇ جاينىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، بازار، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز. خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە تېخىمۇ كۆپ ئۈلگىلىك كەنتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق، داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئېھتىياج بويىچە ئەلالىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ھەم دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تيەنجىن بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ. ئۆز ئەۋزەللىكلىرىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، تيەنجىن شەھىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولغانلىقى تيەنجىننىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تيەنجىن بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭ تاپشۇرغان يېڭى بۇرچ، يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تيەنجىن ئەمەلىيىتىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. تيەنجىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزلىك رول ئوينايدىغان خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، بىز بۇنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز، چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ھازىر شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، تيەنجىن شەھىرى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئورتاق مۇلازىمەت قىلىش كەڭ ئىستىقبالغا يۈزلەندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى؛ كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تيەنجىننىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تيەنجىن پورتى بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىنى ئورتاق ئېچىشىنى؛ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ بېرىش- كېلىشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 سۆھبەت يىغىنىدا، چېن ۋېيجۈن، شۆ بىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەھۋالى ھەمدە تيەنجىن بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاڭ لىڭ تيەنجىننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 تيەنجىن شەھىرى رەھبەرلىرىدىن جوۋ دېرۇي، ۋاڭ لىجۈن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، جۇ لىفەن، جاڭ ۋېنشېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125