تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش
10:18:18 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىش كېرەك».

 ئىسلاھات مۇرەككەپ بولىدۇ، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا «ئادەم»گە باغلىق. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم ئۆتكەللەرنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇردى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەربىر پارچە قىممەتلىك نەتىجە قەغىزى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن تاشلىغان مەزمۇت قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇستەھكەم تايانچ، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچ، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ توپلىدى.

 ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى ئاشۇرۇلدى

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى.

 «1979- يىلى، باھار كۈنلىرىنىڭ بىرى، بىر ياشانغان كىشى جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزى بويىغا بىر چەمبەر سىزدى...» 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، «باھار ھېكايىسى» ناملىق ناخشا گۇچۇڭ ناھىيەسى مەيدانىدا ياڭرىدى. پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى پېڭ يەن ئەتىگەنلىك چېنىققاچ، جورىسى بىلەن بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

 «مەن پېنسىيەگە چىققان 3- يىلى پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانىدى. بۇ ئون نەچچە يىلدا، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئىزچىل ئۆستى، ئىسلاھات تۇرمۇشىمىزنى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىدى!» دېدى پېڭ يەن.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسى چېلىنىپ، ئىسلاھاتتا جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز شەرت، دەپ تەكىتلەندى. بۇلتۇر 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مەۋقەسى قىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

 مائارىپ ئادىللىقى جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇردى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 102 بالىغا بىر يەسلى توغرا كەلدى، ھەر 783 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ توغرا كەلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.25كە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر- يېزىلىرىدا يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 ئىشىك ئالدىدىكى داۋالاش بايلىقى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلدى، ھەممە كەنتتە ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۆيلىرى بار بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «كىچىك كېسەللەرنى كەنتتىن چىقمايلا داۋالىتىش، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى يېزا- بازاردىن چىقمايلا داۋالىتىش، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقمايلا داۋالىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى خەلق تۇرمۇشىدىكى بىخەتەرلىك تورى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ. شىنجاڭ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى. دىققەتنى يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزدى. 2024- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 22 مىليون 252 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى.

 ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى سىجىل ياخشىلاندى. يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيدىن جەمئىي 2 مىليون 700 مىڭ يۈرۈش سېلىنىپ، 11 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى...

 ئاممىنىڭ ئېھتىياجى قەيەردە بولسا، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسى شۇ يەردە بولدى. شىنجاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ھەم بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىدى، ھەم تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مالىيە كۈچىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى ئاساسىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى.

 «بۇ يىل، ھۆكۈمەت تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ <كۆز-چىشنى ئاسراش> ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىشلىدى.» يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋۇ شياۋشۆ بالىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى ئامبۇلاتورىيەسىگە كېلىپ، بالىسىنىڭ چىشىغا فىتور سۈركەتتى.

 مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سىجىل كۈچەش؛ داۋاملاشتۇرۇپ كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش... ھەر يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش نەتىجە قەغىزىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، «خەلق تۇرمۇشى ھېسابات دەپتىرى»دىكى ئۆزگىرىش بىلەن ئۆزگەرمەسلىكنىڭ ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنىڭ تەرەققىيات جەريانى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشقانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

 خەلقتىن ھال- ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن تەدبىر سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خەلق رايىنىڭ «ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى»نى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، گېپىدە تۇرۇش، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىشتا چىڭ تۇردى. خەلق تۇرمۇشىغا بېرىلگەن ۋەزنىلىك جاۋاب قەغەزلىرىدە، «جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تىن ئىبارەت سىياسىي نەتىجە قارىشى چوڭقۇر سالماقنى ئىگىلىدى.

 كىشىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

 تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسى، خەلق رايىنىڭ مايىللىقى... بۇ ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىش ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچ»تىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ماھىيەتتە مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش جەريانى.

 ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلىك مۇتلەق ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ئىسلاھاتىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

 بىر ئىگىلىك تىكلەش يولى شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئېشىشتەك رېئاللىق ئالدىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ئومۇميۈزلۈك يار- يۆلەك بولغانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى −

 بۇلتۇر ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر ئىمران ئابلىمىتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالدى. خېجىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ۋاسىتىچى بولۇپ، ئۇنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتۇردى، يەنە ئۇنىڭ 5000 يۈەنلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ فوتو سۈرەت ئىشخانىسىنىڭ سودىسى كۈندىن- كۈنگە ياخشى بولماقتا؛

 بىر پارچە يەككە كاپالەت شىنجاڭنىڭ «ياشانغانلار مېيىپلەرنى باقىدىغان» «مېيىپلەر كۆپ» ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي ئۈنۈمى −

 «ئىنىم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مېنىڭ يۈكۈم خېلىلا يېنىكلەپ قالدى.» بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بۇرچىن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ئا X روھىي جەھەتتىن 2- دەرىجىلىك مېيىپ ئىنىسى بىلەن يىل بويى بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئا Xنىڭ پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 2023- يىلى قۇرامىغا يەتكەن ئىشسىز ئېغىر مېيىپلەرگە قارىتا «يەككە كاپالەت» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئا Xنىڭ ئىنىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىلدى، ھازىر ھەر ئايدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالالايدۇ؛

 بىر مېدال شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈمىدىگە قارىتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى −

 «ئەگەر كەسپىي مەكتەپكە كىرمىگەن بولسام، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنلا دادامنىڭ ئورنىدا قوي باققان بولاتتىم.» 18- نۆۋەتلىك «جېنشىڭ لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياشلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە، ئاقسۇ تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى روزىمەمەت تۇرغۇن «سانائەت كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسى يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش خادىمى S» تۈرى شەخسلەر مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ياشلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە مېدال ئالالماسلىق تارىخىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى؛

 بىر كىشىلىك چۈشلۈك تاماق شىنجاڭنىڭ ياشانغانلار كۆپىيىش رېئاللىقى ئالدىدا، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىش ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان خەلق تۇرمۇشى ئىللىق ئېقىمى −

 «ئىشىك ئالدىدا ھەقسىز ئىسسىق تاماق يېيەلىدىم، بەك ياخشى بولدى!» كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى بەخت يولى مەھەللىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ھەر كۈنى كۆرگىلى بولىدۇ. 68 ياشلىق لياۋ چىڭجۈنىڭ ئېيتىشىچە، مەھەللە ئاشخانىسى ئۇنىڭ تاماق يېيىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك، تېخىمۇ ساغلام غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

 خەلق تۇرمۇشىدا كىشىلەر ئالدىراۋاتقان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ئىسلاھات تەدبىرلىرى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «مۇقىم بەخت»ىنى ئاشۇرماقتا.

 نېرۋا ئاخىرقى ئۇچىغىچە راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدى بەخت تۇيغۇسىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى»

 ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش بىلەن مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نېرۋا ئاخىرقى ئۇچىغىچە راۋانلاشتۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدى بەخت تۇيغۇسىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى».

 «سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىلگىرىكىدىن مۇقىملىشىپلا قالماي، سۇ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى.» 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى كوچا باشقارمىسى دوستلۇق كوچىسى مەھەللىسىدىكى ئۆيىدە، ھەمراگۈل ئابلىز جۈمەكنى بۇرىدى، سۈزۈك تۇرۇبا سۈيى شارىلداپ چىقتى. «ئىلگىرى تۇرۇبا يولى كونىراپ كەتكەن، سۇ بېسىمى يېتەرسىز بولغاچقا، نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆيدە بىر سۇ تۇڭى تەييارلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولغانىدۇق».

 يېقىلغۇ گاز كىلاپانى ئاستا بۇرالسىلا، پاكىز ئېنېرگىيە ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزىلىدۇ؛ يېزا- كەنتلەردىكى ئاسفالت يوللار تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، بېيىش يولىنى بوران- چاپقۇن توسۇپ قالالمايدىغان بولدى؛ يان تېلېفوندا زاكاز چۈشۈرۈش تېزلا تاماملىنىپ، تېز يوللانمىلار يېزا- كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈلىدىغان بولدى... «ئون تور» بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى. ئۇل ئەسلىھەلەردىكى قىل قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مىكرو ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى بايلىقىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ تەقسىملەشنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات يۆنىلىشى قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى مەنپەئەتلىنىشچانلىقنى ئاشۇردى.

 «چارۋىچىلىق رايونىدا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان- داۋالىنالايدىغان، يەنە ئاتچوت قىلدۇرالايدىغان بولدۇق، غەم- ئەندىشىمىز ھەل بولدى» دېدى ئالتاي شەھىرى تولقايت يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچى نابىللا قاپان.

 ئالتاي شەھىرى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش، باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئەنگە ئېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى داۋالاش ئۆيلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۇپىسى ئارقىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىپ بېرىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى؛

 «خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئېچىلدى، ھازىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.» گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى بالىلار باغچىسىدا، خىزمەت ئىزدىگۈچى شۈ مىڭرۇڭ گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە نۇرغۇن كارخانىلار قۇرغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يايمىسى»دا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى ئىزدىدى.

 گۇچۇڭ ناھىيەسى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يېزا- كەنت سەپىرى» مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى سىجىل ئۆتكۈزۈپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يايمىسى» بەرپا قىلدى، ھەرقايسى يېزا- بازارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى...

 ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارچە- پۇرات تەڭشىسە بولمايدۇ، پارچە- پۇرات يامىسىمۇ بولمايدۇ. ھەرقايسى ساھەدىكى ئىسلاھاتنىڭ ھەمتۈرتكىلىك بولۇشى ۋە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنى يېتەكلەش خاراكتېرلىك، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك زور ئىسلاھات ئىش تۈرى سۈپىتىدە سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

 «15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى»نى پائال بەرپا قىلىش ئاساسىدا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى شىنجاڭ بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان «شىنجىجۇ . سىلۇتۇڭ» ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىگە ماكانلاشتى.

 «كەنتتە تاللا بازىرى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ھەممىسى بار. خەلققە قولايلىق چىقىم قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ھەتتا دوختۇرخانىدا ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىشنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئۈسكۈنىدە بېجىرگىلى بولىدۇ، شەھەردىكى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق» دېدى كەنت ئاھالىسى ما كېشىن.

 ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي قاتلام سۇپىسى بىلەن يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى) ۋە كەنت(مەھەللە)نى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۆت چوڭ تۈردىكى 11 تۈرلۈك كەسىپنى كەنت(مەھەللە)دىن چىقماي بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش» «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «كۆزنىكى» ئاممىنىڭ «ئىشىك ئالدى»غا كۆچۈرۈلدى... خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زۆرۈر مەزمۇن. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈرلۈك «ئېھتىياج تىزىملىكى»نىڭ «رازى بولۇش تىزىملىكى»گە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ئائىلە بىلەن دۆلەت بىر گەۋدە بولۇش، ئائىلە بىلەن دۆلەت بىر مەقسەتتە بولۇشتەك ماس قەدەملىك ئورتاق رىتىم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125