خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئاساسىي لىنىيەنى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈش
گاۋ ۋا
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىغا ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئارقىسىغا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئاساسىي لىنىيە باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.
خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، شۇنداقلا ئىسلاھاتتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان قىممەت يۆنىلىشى. شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى، ھال- ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ تومۇر سوقۇشىنى خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن تەڭ رىتىمدا بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سالمىقى ۋە ھارارىتى ئارقىلىق ئاممىغا كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.
خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى. خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە تەۋرەنمەي، ئېغىپ كەتمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئىسلاھاتقا باشتىن- ئاخىرغىچە سىڭدۈرگەندىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)