«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بۆلىكى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى
10:21:23 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بۆلىكى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى

ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 7- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بۆلىكى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسىنىڭ مۇدىرى ما خۇەيدې «يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپە» دېگەن باش تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى.

 ما خۇەيدې دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق قانۇن ئىلمى مۇتەخەسسىس، ئىلگىرى دۆلەت تۆلەم قانۇنى، قانۇن چىقىرىش قانۇنى، رېۋىزىيە قانۇنى قاتارلىق كۆپلىگەن قانۇنلارنى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، مەسلىھەت بېرىش ئەزاسى بولغان.

 لېكسىيەدە، ما خۇەيدې قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نۆۋەتتىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، قانۇنچىل دۆلەت ۋە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى، جەۋھىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ سىياسەت تۈزۈش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداشتا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە.

 لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى، بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىش، تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىمىز، سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

 چېن مىڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى. يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، مۇقىيات جارمۇقاممەت، مەردان مۇقىيىت، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، دۇ خۇڭيەن قاتناشتى.

 بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، قىسمەن كارخانىلار ھەم ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا لېكسىيەگە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگانلىرى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125