ئۈرۈمچى: كۈچنى مۇجەسسەملەپ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلدى
10:23:44 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 1- مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 ئۈرۈمچى: كۈچنى مۇجەسسەملەپ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو چيەن) 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 1- مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى كۈچنى مۇجەسسەملەپ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلدى، مەركىزىي شەھەرنىڭ توپلاش ئەۋزەللىكى، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا تۈگۈنى بولۇش ئەۋزەللىكى، تۈزۈم تىپىدىكى ئوچۇق سۇپا ئەۋزەللىكى، كەسىپلەرنى توپلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، سىياسەت گىرەلەشتى، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، ئىستىقبالى كەڭ، كەلگۈسى پارلاق.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەتتۇللا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا ماڭدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «سانائەت كۈچلۈك شەھىرى»نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈردى، راۋاجلاندۇردى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، بىيو تېببىي دورىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىلغار ياسىمىچىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، سودا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، رەقەملىك ئىقتىساد، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، مەدەنىيەت- ساياھەتنى مۇھىم نۇقتا قىلغان مۇلازىمەت كەسپى گۈللەپ ياشنىدى، تېرىقچىلىق، زامانىۋى چارۋىچىلىق، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان زامانىۋى مەركىزىي شەھەر يېزا ئىگىلىكى سىجىل زورايدى، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئارقا- ئارقىدىن ماكانلىشىپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن ئىككىسى، 50 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن ئۈچى، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپتىن ئالتىسى شەكىللەندى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، 2025- يىلى كەسىپ كۆلىمىنىڭ 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

 ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا ماڭدى. ئۈرۈمچى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈستىلەنمە سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 263 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنما ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنى كۈچەپ ياخشى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇردى، يوشۇرۇن كۈچنى قازدى، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇردى.

 يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا ماڭدى. ئۈرۈمچى تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تېز قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماس بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى سىجىل ئاشۇردى.

 خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا ماڭدى. ئۈرۈمچى مالىيە چىقىمىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، بىر تۈركۈم «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى تەربىيەلەش، تۇرالغۇ، قاتناش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدى، بۇ يىل ئون چوڭ تۈردىكى 45 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى سىجىل ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125