«گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، تور ساھەسى شىنجاڭغا يۈزلىنىش» 2024- يىل شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى باشلاندى
10:29:42 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، تور ساھەسى شىنجاڭغا يۈزلىنىش» 2024- يىل شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى باشلاندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر بارشا تېگىس) «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، تور ساھەسى شىنجاڭغا يۈزلىنىش» 2024- يىل شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە باشلاندى. مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ يىبىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي ليۇ جيەنمىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 پائالىيەتتە ئالاقە تورى ساھەسىدە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان.

 يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى. نەق مەيداندا يەنە «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش»نى توردا تارقىتىش پائالىيىتى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن قىياپىتى» تور داڭلىق شەخسلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتى، 2024- يىل شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە بىڭتۇەن روھى داۋاملىق شەرەپ قۇچتى» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى، تور داڭلىق شەخسلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇش ھەرىكىتى، «ياشلىق باھارى پورەكلەپ ئېچىلغان Z دەۋر» شىنجاڭدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ۋە تور مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، تىيانشان مۇنبىرى «كۆرۈش» يېڭى تاراتقۇ پائالىيىتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئوت مۇداپىئەسى بويىچە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى، «ئىلى@ سىز» توردا يۈرۈشلۈك تارقىتىش پائالىيىتى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر باشلاندى.

 مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭ، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، شىزاڭ، گەنسۇ قاتارلىق 12 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ئاخبارات تور بېكىتى، تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، ئالاقە تورى كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم تور داڭلىق شەخسلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

 2024- يىل شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125