بۇ جايدىكى پۇقرالار ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەن
10:32:22 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى ئاقسۇنى تەرىپلىدى: بۇ جايدىكى پۇقرالار ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەن

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

 «كۈسەن، يەنى كۇچا، بىز بىرلىكتە مىڭ يىللىق كاتتا زىياپەتكە قاتنىشىپ، چۈشىمىزدە گۈللەنگەن كۈسەنگە قايتىپ بارايلى...» 6- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە، دۆلەت تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى بولغان كۇچا شەھىرىدىكى كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىدە «ئۆرۈك چېچەكلىگەندە ئۇچرىشىش . يىپەك يولىدىكى كۈسەن» ناملىق چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىلگىرىكىدەكلا قايناق ھېسسىيات بىلەن باشلاندى.

 سەھنە ئالدىغا نۇرغۇن كۆرۈرمەن توپلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۇچا شەھىرى ئاھالىلىرى، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى بويلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر، يەنە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا كىرىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان 16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى بار ئىدى. بۇ چاغدا، كۈندۈزى قىزىل مىڭئۆينى ئەمدىلا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ قايتقان تاراتقۇ خادىملىرىغا قەدىمىي تام رەسىملىرىدىكى گاھ شامالغا ئەگىشىپ پىرقىراپ، گاھ گۈل- چېچەكلەر ئارىسىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان كۈسەن قىزلىرى «زامان ھالقىپ» رېئاللىققا قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېغىشلىدى، كۆز ئالدىدىكى ھەر خىل قىياپەتتە ئوينالغان ئۇسسۇللار، ساداسى ئۇزاققىچە قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيدىغان داقا- دۇمباق ئاۋازى يەنە كىشىلەرنىڭ ئوي- خىيالىنى يىراق قەدىمكى زامانغا باشلاپ باراتتى.

 نىچاڭ يۈيى ئۇسسۇلى، خۇلارنىڭ سەكرىمە ئۇسسۇلى، مۇقام... ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئويۇن قويۇش كوللېكتىپى ئەمەس، بەلكى كۇچادىكى يەرلىك ئويۇن قويۇش كوللېكتىپى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان «ئانگىرېن ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى مۇستەفىنا ئالمىرا ماختاپ مۇنداق دېدى: «مەن بەك ھەيران قالدىم! كىچىك شەھەردە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئويۇن قويۇش كوللېكتىپىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. كىيىم- كېچەك، دېكوراتسىيەلىرى شۇنداق كۆركەم، چىرايلىق ئىكەن، مۇزىكا، چىراغ نۇرىنىڭ رىتىمى بىر- بىرىگە شۇنداق ماس كەپتۇ».

 كېيىنكى ئىككى كۈنلۈك سەپەردە، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن مۇستەفىنا ئالمىرا يەنە ئۆمەك بىلەن بىللە شايار ناھىيەسىنىڭ گەزقۇم يېزىسى، كۇچا شەھىرىنىڭ قىزىلقاغا تۇرى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جاي كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەتتە بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھاسىلاتى ۋە تەسىراتى شۇ بولدىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپتۇ، قەدىمكى بۇددا دىنى مەدەنىيىتى، مىڭئۆي تام رەسىملىرى، مۇزىكا- ئۇسسۇل، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ، ئەۋلادلارغا قىممەتلىك نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويغانلىق شۇ جايدىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن بەخت ياراتقانلىق، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە تۆھپە قوشقانلىق.

 ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن مەركەزلىك زىيارەتتە، 16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى شانلىق ھەم قويۇق كۈسەن مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولدى. كۆپچىلىك كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن قىزىلقاغا تۇرىغا كېلىپ، تۇر خارابىسى، مەدەنىيەت ھەيكەللىرى يېنىدا تۇرۇپ بەس- بەستە سۈرەتكە چۈشتى؛ جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىنچى كەنتى − توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جاي كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ قانمىدى، «ئون قەدەمدە بىر جەزمەن ھۈنەرۋەن ئۇچرايدىغان» كوچىلارنى كۆرۈپ قانمىدى.

 16 دۆلەت تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ كامېرالىرىدا، قەلەملىرىدە كۈسەندىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي جايدا نامايان بولغان خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى خاتىرىلەندى. شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى دولقۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېزىز ئەخمەتنىڭ ئۆيىدە ئېزىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ باياشات تۇرمۇشى ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆي، زامانىۋى ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ يەر ئوبوروت قىلغان، ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى جاسارىتى ۋە مەردانىلىكىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى؛ كۇچا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كۇچا لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، تاراتقۇ خادىملىرى پاختا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنىڭ شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكى ۋە ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى كۆردى.

 شايار ناھىيەسىنىڭ گەزقۇم يېزىسىدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىكى 250 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، 16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئوت- چۆپ كاتەكچىلىرى «مۇھاپىزەت» قىلىۋاتقان قاتار- قاتار يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر تاختىلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. نەق مەيداندىكى تۈر دىرېكتورى دۇ سىۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 423 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك توك ئىشلىتىش مىقدارىنى ئون كىلوۋات سائەت بويىچە ھېسابلىغاندا، 110 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى بىر يىل توك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

 بۇنىڭغا گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، كانادا، شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تاراتقۇ خادىملىرى ناھايىتى قىزىقتى، ئۇلار تۈر دىرېكتورى ھەم باشقا خىزمەتچى خادىملارنى ئورىۋېلىپ توختىماي سوئال سورىدى، شايار ناھىيەسىنىڭ 250 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا نۇرغۇن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يورۇقلۇق ۋولت رايونى ئەتراپىغا كەڭ كۆلەمدە سۆكسۆك ئورمىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەندە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىدىلا پۇقرالارغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغان خەلق تۇرمۇشى تۈرى ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى.

 «ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، يول بويى پەلەمپەيسىمان ئۆستۈرۈلگەن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇملۇق گىرۋىكىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ جاينىڭ قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا ئىختىيارسىز چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بۇ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، چۆللۈكنى كۆكەرتىش بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، مەن بۇ ھەقىقىي خام ماتېرىياللارنى ئېلىپ كېتىپ، بارلىق كىشىلەرگە بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرىمەن» دېدى شىۋېيتسارىيە مۇستەقىل تاراتقۇسى «يېڭى تاراتقۇ»نىڭ قۇرغۇچىسى ناتالىي بېنېللى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125