ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، رېن جياڭ) 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، مۇخبىرنىڭ «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 2- مەيدانى — «قاشتېشى كوئىنلۇن تېغىدىن چىقار بارچە مىللەت چالدى ساز» خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە قاشتېشى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 17 مىڭدىن ئاشقان، يىللىق سودىلىشىش سوممىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، قېزىش، پىششىقلاش، سېتىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن خاس كەسىپ ساياھەت زەنجىرى شەكىللەنگەن.
خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزىنىڭ قاشتېشى يايمىسى ئالدىدا، ساياھەتچى قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنى تاللىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل فوتوسى
خوتەن قاشتېشى «جۇڭگودىكى تۆت چوڭ داڭلىق قاشتېشى»نىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن قاشتېشى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئومۇمىي يىرىك پىلان تۈزدى، نۆۋەتتە شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزى، خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى، يۈەندۇڭ خەلقئارا تيەنجيې كوچىسى، خوتەن شەھىرى جۈنيۈلى سودا سارىيى، قاشتېشى كىچىك بازىرىدىن ئىبارەت بەش بازار ھەم خوتەن قاشتېشى ئاشكارا سودىسى، خوتەن قاشتېشى شۇيپېنزى ئەسلىي تاش سودىسى، ئېسىل قاشتېشى بۇيۇملىرى دۇكان سودىسى، قاشتېشى قېزىشنى ھېس قىلىش باغچىسى قاتارلىق خاس تۈرلەر شەكىللەندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)