ئالدىنقى يېرىم يىلدا بىڭتۇەن 14 مىليون 381 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، 6 مىليارد 940 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كىرىمى ياراتتى
12:59:28 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىڭتۇەن جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 14 مىليون 381 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشقان؛ يارىتىلغان ساياھەت كىرىمى 6 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.98 ئاشقان، مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش، سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى شېنشيەنۋەن مەنزىرە رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. شاۋ مىڭخۇي فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125