تۇرپان شەھىرى بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى
19:49:00 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى سىجىل چىڭىتىش ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرى، رايون، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى، مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇردى، ھازىر، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلدى:

 1- دېلو مىسالى: تۇرپاندىكى مەلۇم شۆيۈەننىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى سېتىش دېلوسى

 2024- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇرپاندىكى مەلۇم شۆيۈەن ئاشخانىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شۆيۈەن ئاشخانىسىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىك(ھامبۇرگ بولكىسى)نى ساتقانلىقى بايقالغان. ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 34- ماددا (10) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، تۇرپان شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ شۆيۈەننىڭ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلغان كارخانىغا  قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەن.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا: سۈپەت كاپالەت مۇددىتى  ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇجلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ دېلونىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئۈنۈملۈك ھەيدەكچىلىك قىلدى.

 2- دېلو مىسالى: تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماسلىق دېلوسى

 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىدىقۇت رايونىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە، بۇ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى، مۇھىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز ئەمەسلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ جايىدا ئىجرا قىلىنمىغانلىقى بايقالغان، تۇرپان شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھەم سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇغان. 4- ئاينىڭ 19- كۈنى تۈزىتىشنى قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ مەكتەپنىڭ ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە تۈزەتمىگەنلىكى بايقالغان. ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 57- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 28- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقى، «مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ 26- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، تۇرپان شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن بويىچە بۇ مەكتەپكە مەمۇرىي جازا بەرگەن. 

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەكتەپ ئاشخانىسى قاتارلىق مەركەزلىك غىزالىنىدىغان ئورۇنلار قانۇن- نىزام ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك؛ مەكتەپ ئاشخانىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ دېلو ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئەسكەرتتى.

 3- دېلو مىسالى: تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى مەلۇم بازارلىق يەسلىنىڭ ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى قالدۇرماسلىق دېلوسى

 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىدىقۇت رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىدىقۇت رايونىدىكى مەلۇم بازارلىق يەسلى ئاشخانىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يەسلى ئاشخانىسىنىڭ 1- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى چۈشلۈك تاماق ھەم كەچلىك تاماقتىن ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى قالدۇرمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا يېمەكلىك ئەۋرىشكىلىرىنىڭ قالدۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ 48 سائەتكە يەتمەيدىغانلىقى بايقالغان. ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشى«مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ 40- ماددا 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئىدىقۇت رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن بويىچە بۇ يەسلىگە مەمۇرىي جازا بەرگەن. 

 «مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئاشخانىلىرى ھەر قېتىملىق تاماقتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەر بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئەۋرىشكىسىنى قالدۇرۇشى، ھەربىر تۈردىكى ئەۋرىشكىنىڭ مىقدارى 125 گىرامدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە ئەۋرىشكە قالدۇرۇلغان يېمەكلىكنىڭ نامى، مىقدارى، ۋاقتى، ئەۋرىشكە قالدۇرغۇچى قاتارلىقلارنى خاتىرىلىشى كېرەك. ئەۋرىشكە قالدۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى مەخسۇس پوكەيدە 48 سائەتتىن ئارتۇق سوغۇق ساقلىشى كېرەك. يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى ئاممىۋى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشەنچلىك سۈرۈشتۈرۈش ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 4- دېلو مىسالى: تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەكتەپنىڭ يېمەكلىك تىجارىتى جەريانىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەلىپىنى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويماسلىق دېلوسى 

 2024- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى، پىچان ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى پىچان ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش، توڭلىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ قەرەللىك تازىلانمىغانلىقى، يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرى ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنى ساقلاشنىڭ ئۆلچەملىك بولمىغانلىقى بايقالغان. ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 54- ، 56- ھەم 47- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، پىچان ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن بويىچە بۇ مەكتەپكە مەمۇرىي جازا بەرگەن. 

 مەكتەپلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئۆزى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالىشى كېرەك. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تىجارەت شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىغا قارىتا، دەرھال تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 5- دېلو مىسالى: تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى مەلۇم بازارلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ يېمەكلىك كىرگۈزگەندە مالنى تەكشۈرۈش- دەلىللەپ خاتىرىلەشنى ئادا قىلماسلىق دېلوسى 

 2024- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، توقسۇن ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى توقسۇن ناھىيەسىدىكى مەلۇم بازارلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ ئاشخانىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يەسلىنىڭ سېتىۋالغان كۆپ تۈركۈم يېمەكلىكنىڭ لاياقەتلىك ئىسپات ھۆججىتىنى ۋاقتىدا تەلەپ قىلىپ ئالمىغانلىقى ھەمدە يېمەكلىك كىرگۈزگەندە مالنى تەكشۈرۈش- دەلىللەپ خاتىرىلەش تەلىپىنى ئادا قىلمىغانلىقى بايقالغان. ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشى «مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ 33- ماددىسى ۋە 34- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، توقسۇن ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن بويىچە بۇ يەسلىگە مەمۇرىي جازا بەرگەن. 

 مەكتەپ ئاشخانىسى يېمەكلىك كىرگۈزگەندە مالنى تەكشۈرۈش-دەلىللەپ خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نامى، ئۆلچىمى، سانى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ياكى ئىشلەپچىقىرىش تەستىق نومۇرى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى ھەمدە مال بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ نامى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن، توغرا خاتىرىلىشى ھەم يۇقىرىقى ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر يېمەكلىك كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى ھەقىقىي ياخشى ئىگىلەپ، يېمەكلىك كىرگۈزگەندە مالنى تەكشۈرۈش- دەلىللەش ۋە خاتىرىلەش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى  مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125